ئۇزۇقلۇق ۋە كېسەللىكلەر

سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش

ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ۋاقتىدا ئۈزۈل-كېسىل داۋالاشقا ئېرىشەلمەسلىكى، ئۈستۈنكى نەپەس يوللىرى ياللۇغى بىلەن تەكرار ئاغرىش، بۆرەك ۋە بەل ساھەسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان سوزۇلما ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك جەريانى بىر قەدەر ئۇزۇن، كۆپىنچە ماغدۇرسىزلىق، تېرە تاتىرىش، ھەزىم ناچارلىشىش، بەدەن ئاجىزلاش، تەدرىجىي سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلۈش، ئازراق ھەرىكەت قىلسا يۈز – كۆزلىرى ئىششىپ سۈيدۈكتە ئۆزگىرىش بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرىلاش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

1)  يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:

تۇزسىز، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى تۆۋەن بولغان لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. مۇۋاپىق مىقداردا ئالىي سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ھايۋانات مايلىرى ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم. تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D لار مول بولغان، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، بۆرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ، بۇغداي، نوقۇت، يېشىل پۇرچاق، ماش، پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى، غاز گۆشى، ئۆردەك گۆشى، بېلىق گۆشى، راك، كۆك كاۋا، چامغۇر، سەۋزە، پىدىگەن، غولپىياز، مور، ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.

2)  يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش

(1)  غاز شورپىسى: غاز گۆشى 250 گرام، كۆك كاۋا 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا ئاۋۋال غاز گۆشىنى سېلىپ چالا پىشۇرۇپ، ئاندىن ئۈستىگە كۆك كاۋىنى سېلىپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا تۇزنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ شورپا تەييارلاپ، نېپىز نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2)  ئۆردەك شورپىسى: سۇ لەيلىسى l00 گرام، ئۆردەك گۆشى بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا پىشۇرۇپ، تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ شورپا تەييارلاپ، نېپىز نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3)  ئۈجمە بوتقىسى: ئۈجمە 50 گرام، قۇرۇق كۆك ئۈزۈم 20 گرام، گۈرۈچ 50 گرام. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ بوتقا تەييارلاپ، كۈندە بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4)  بادام مېغىزى ئۇمىچى: ھۆل يالپۇز l50 گرام، بادام مېغىزى 200 گرام، گۈرۈچ l00 گرام، تۇز ئاز مىقداردا. يالپۇزنى ئۇششاق توغراپ، بادام مېغىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ سوقۇپ، سىم ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تالقانلاپ، يۇيۇلغان گۈرۈچ بىلەن بۇ ئۈچ تەركىبنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئۇماچ تەييارلاپ، ئىككىگە بۆلۈپ، ئەتىگەن – كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(5)  چايلىقلار
① تەركىبى: گاۋزىبان، بەدىيان يىلتىزى، بەدىيان، رۇمبەدىيان 15 گرامدىن، ئو غرىتىكەن بىلەن پىرسياۋ شان 21 گرامدىن، قوغۇن ئۇرۇقى100 گرام، كاسىنە ئۇرۇقى بىلەن تەخەمەك ئۇرۇقى 30 گرامدىن.
تەسىرى: سۈيدۇكنى ھەيدەش ئارقىلىق بۆرەكتىكى يەلنى ھەيدەپ، ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ دەملەپ ئىچىلىدۇ.
②تەر كىبى: لاچىندانە، گاۋزىبان، پىلپىل، بەدىيان، رۇمبەدىيان، قارىمۇچ، قاقىلە 15 گرامدىن، زەنجىۋىل 21 گرام، گۈلدارچىن 30 گرام، قەلەمپۇر. دارچىن 10 گرامدىن.
تەسىرى: سوغۇقتىن بولغان بۆرەك يەللىك ئىششىقىدا قاننىڭ ئايلىنىشىنى جانلاندۇرۇپ، بۆرەكنى قىزىتىپ، سۈيدۈكنى كۆپەيتىدۇ، سوغۇق يەلدىن بولغان ئىششىقنى قايتۇرىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى : يىرىك سوقۇپ كۈندە ئۈچ ۋاخ، ھەر ۋاخ 10 گرامدىن دەملەپ ئىچىلىدۇ.
③ تەر كىبى: قۇرۇتۇلغان ئىت ئۈزۈمى، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، كاكىنەج، خىرفە ئۇرۇقى، تەر خەمەك ئۇرۇقى 10 گامدىن، كەرەپشە بىلەن جۇۋىنە 5 گرامدىن، چۆبچىنى 3 گرام.
تەسىرى: سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى ئىسسىق يەلدىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
تەييارلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى: چالا سوقۇپ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، كۈندە ئۈچ ۋاخ، ھەر ۋاخ بىر بۆلەكتىن دەملەپ ئىچىلىدۇ.

3)  يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى:
كالا گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش، تۇخۇم پوشكىلى، چىلىغان سەي، گۆشگىردە، سامساق، پېتىر مانتا قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، تۇزلۇق ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button