دوۋساق ياللۇغىنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش

غەيرىي تەبىئىي قان، سەپرا، سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ تەسىرى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، بۆرەك جامى، بۆرەك ياللۇغى ۋە دوۋساق تاش كېسەللىكى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن دوۋساقتا ياللۇغلىنىش بولۇپ، كلىنىكىدا سۈيدۈك قىستاش، دوۋسۇن ساھەسى چىڭقىلىپ ياكى سانجىلىپ ئاغرىش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، سىيىش قىيىنلىشىش، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش ياكى سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
1) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
دەسلەپكى مەزگىلدە مايسىز، لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئاچچىق، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە غىزالارنى چەكلەپ، ۋىتامىنلار مول بولغان، ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولغان، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن نوقۇت، تېرىق، ماش، ئارپا، ئاق قوناق، سەۋزە، تۇرۇپ، چامغۇر، پىياز، كاۋا، شوخلا، كەرەپشە، ئوسۇڭ، يېسىۋىلەك، يۇمغاقسۈت، كاكىنەچ، بەدىيان، نەشپۈت، ئاپېلىسىن، ھەسەل، قىزىل چاي، يېشىل چاي قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان ھەرخىل غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.
2) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) مېغىز تەملىك ئۇماچ: تەرخەمەك ئۇرۇقى 30 گرام، بەدىيان ئون گرام، كاكىنەچ ئون گرام، ياڭاق مېغىزى 40 گرام، نوقۇت 60 گرام. يۇقىرقى ئۈچ خىل دورىلىق تەركىبنى بىر كىلوگرام قايناق سۇغا 4 ~ 3 سائەت چىلاپ تۇرغۇز ۇپ، ئاندىن 15 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈپ، 500 مىللىلېتىر دورا سۈيى ئېلىنىدۇ. ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ ئېزىپ، يۇيۇپ تازىلانغان نوقۇت بىلەن قوشۇپ، دورا سۈيىدە 45-30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئۇماچ تەييارلاپ، ھەر كۈنلۈكى ناشتىدا ياكى چۈشلۈك تاماقتا بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2) چۈجە قوناق ئۇمىچى: چۈجە گۆشى 100 گرام، ئاق قوناق ئۇنى 70 گرام، تۈز مۇۋاپىق مىقداردا. خۇرۇچلاردا قائىدە بويىچە ئۇماچ تەييارلاپ، ھەر كۈنلۈك ناشتىلىقىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3) سەۋزىلىك كۆك ماش ئېشى: سەۋزە 70 گرام، غولپىياز 30 گرام، تەرخەمەك 30 گرام، كۆك ماش l00 گرام، تۇز ئاز مىقداردا. كۆكتاتلارنى پاكىز تازىلاپ، يۇيۇپ، قائىدە بويىچە توغراپ، كۆك ماش بىلەن بىللە مۇۋاپىق سۇدا ئۇزاق قاينىتىپ پىشۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4) شىيرە گۈرۈچ ئېشى : سەۋزە، چامغۇر 60 گرامدىن، سەۋزە ئۇرۇقى l5 گرام، گۈرۈچ 100 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. سەۋزە ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، تەمىنى ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق سۇ قوشۇپ، ئاقلاپ توغرالغان چامغۇر، سەۋزە، گۈرۈچلەرنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، يۇمشاق پىشۇرۇپ، شىيرە گۈرۈچ ئاش تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئەگەر سۈيدۈكتە ئېچىشىش بولمىسا توخۇ گۆشى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
3) يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى:
لازا، سۈرلەنگەن گۆش، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش، كالا گۆشى، قارىئۆرۈك، كۆكسۇلتان، لىمون قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.