بۆرەك ئاجىزلىقىنى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش
بۆرەك ئاجىزلىقى-خىلىتسىز كەيپىياتلارنىڭ ياكى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تەسىرى، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ھەر خىل بۆرەك كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا ياخشى داۋالاتماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كلىنىكىدا كۆپ سىيىش، كېچىلىك سۈيدۈك مىقدارى كۆپىيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چىرايى تاتىرىش، ئورۇقلاش، ھەزىم ناچارلىشىش، تېرە ئېلاستىكلىقى تۆۋەنلەش، تېرە قۇرغاقلىشىش، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
1) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
ئۆزى كۈچلۈك، تۇزسىز، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى تۆۋەن بولغان لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. مۇۋاپىق مىقداردا ئالىي سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھىىيەت بېرىش، ھايۋانات مايلىرى ۋە مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش لازىم.
تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، ۋىتامىن D لار مول بولغان، سۈيدۈك ھەيدەش، بۆرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن گۈرۈچ، بۇغداي، نوقۇت، يېشىل پۇرچاق، ماش، پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى، غاز گۆشى، ئۆردەك گۆشى، بېلىق گۆشى، راك، كۆك كاۋا، چامغۇر، سەۋزە، پىدىگەن، غولپىياز، مور، ئۈزۈم، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن تەييارلانغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.
2) يېمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1) قۇشقاچ گۆشى شورپىسى: قۇشقاچ گۆشى 100 گرام، كاۋا 300 گرام، ياڭاق مېغىزى 60 گرام، تۈز مۇۋاپىق مىقداردا. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇغا ئاۋۋال قۇشقاچ گۆشىنى سېلىپ چالا پىشۇرۇپ، ئاندىن ئۈستىگە ياڭاق مېغىزى بىلەن كاۋىنى سېلىپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا تۇزنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، شورپا تەييارلاپ نېپىز نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(2) ئۆردەك شورپىسى: سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل 30 گرامدىن، ئۆردەك گۆشى بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، توغراپ، مۇۋاپىق مىقدارددىكى سۇدا پىشۈرۇپ، تۈز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ شورپا تەييارلاپ، نېپىز نان بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3) رىگى ماھى شورپىسى: رىگى ماھى 50 گرام، قۇرۇق ئۈزۈم 20 گرام، گۈرۈچ 50 گرام. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، شورپا تەييارلاپ كۈندە بىر ۋاخ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(4) پىستە مېغىزى شورپىسى: ھۆل توشقان زەدىكى l50 گرام، پىستە مېغىزى 100 گرام، سەۋزە ئۇرۇقى 30 گرام، تۇز ئاز مىقداردا. توشقان زەدىكىنى توغراپ، پىستە مېغىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ سوقۇپ، تالقانلاپ، يۇيۇلغان گۈرۈچ بىلەن بۇ ئۈچ تەركىبىنى قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئۇماچ تەييارلاپ، ئىككىگە بۆلۈپ، ئەتىگەن – كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(5) خام قوناق ئېشى : ئاق بەھمەن 30 گرام، شاقاقۈل 15 گرام، خام قوناق 70 گرام، تۈز مۇۋاپىق مىقداردا. ئاق بەھمەن، شاقاقۇلنى قوناق بىلەن بىللە قوشۇپ، مۈۋاپىق سۇدا ئۇزاق قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۇيۇق ھالەتتە قوناق ئېشى تەييارلاپ، كۈندە ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. بىر كۇرسى l5 كۈن.
(6) نوقۇت ئۇنى ئۇمىچى: سەۋزە l30 گرام، توشقان گۆشى 100 گرام، نوقۇت ئۇنى 100 گرام، غولپىياز، ئېگىر تالقىنى، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. سەۋزىنى ئاقلاپ، يالپاقلاپ توغراپ، پارچىلانغان توشقان گۆشى بىلەن بىللە مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە توغرالغان غولپىياز، ئېگىر تالقىنىنى سېلىپ، ئاندىن نوقۇت ئۇنىنى ئاز – ئازدىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىسسىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3) يېمەك-ئىچمەك پەرھىزى:
كالا گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش، تۇخۇم پوشكىلى، چىلىغان سەي، گۆشگىردە، سامساق، پېتىر مانتا قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، تۇزلۇق ۋە زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.