جىنسىيەت بىلىملىرى

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى توغرىسىدىكى خىلمۇخىل خاتا قاراشلار

نۇرغۇن ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ياقتۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. جىنسىي مۇھەببەتتىن بىخەتەر بەھرىمان بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۆزلىرىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئاياللاردا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىغا قارىتا نۇرغۇن خاتا قاراشلار مەۋجۇت، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى يەتتە خىلدىن ئىبارەت:
1. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، دېگەن قاراش.
بىر ئاتاقلىق دوختۇر:«ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ۋەھىمىسىدىن خالاس بولغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ھۇزۇرىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولالايدۇ» دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ۋە باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنىڭ رولى تامامەن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە، ئوخشىمىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ، مەسىلەن، ئاياللارنىڭ جىنسىي گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش مەزگىلىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى جىنسىي ھەۋەسنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بەزىلىرى ئۇنداق قىلالمايدۇ.
2. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى سەكتە بولۇپ قېلىش خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېگەن قاراش.
1996-يىلى 7-ئايدىكى «يېڭى ئەنگلىيە دورا ئۇچۇرلىرى» دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش-قىلماسلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۇنيا ساغلاملىق جەمئىيىتىنىڭ 1996-يىلى 8-ئايدىكى بىر دوكلاتىدىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش يەكۈن چىقىرىلدى. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بۇ كۆز قاراشقا رەدىيە بېرىلىدىغان ھېچقانداق پىكىر ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىدى.
3. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، دېگەن قاراش.

  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى 10 يىل ئىستېمال قىلغان ئاياللاردىن ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ نىسبىتى بىلەن دورىنى ئىستېمال قىلمىغان ئاياللارنىڭ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىدە ھېچقانداق ئوخشىماسلىق يوق. بىر قاتار تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئايال كىشى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تەڭ يېرىم ئازايغان؛ بىر يىلدىن ئارتۇق ئىچكەنلەردە بولسا، تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى 40% تۆۋەنلىگەن.
4. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ، دېگەن قاراش.

ئەمەلىيەتتە، ياش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەردىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك، ئۇيقۇ قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە ئەندىشە قىلىش قاتارلىق روھىي ئامىللار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىكى ئاساسىي سەۋەبلەردىندۇر. دائىم ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ئانچە ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىدا ھېچقانداق پەرق بولمايدۇ.
5. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى كەيپىياتنى بۇزىۋېتىدۇ، دېگەن قاراش.
بۇرۇن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى سەزگۈرچانلىقىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبكارى، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. بۇنداق قاراشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىلگىرىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىدىكى ئاياللىق گورمونى نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرىلىقى سەۋەب بولغان. ھازىرقى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ گورمون تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، كەيپىياتنى تۇراقسىزلاشتۇرمايدۇ.
6. 35 ياشقا كىرگەندە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلىشنى توختىتىش كېرەك، دېگەن قاراش.
ئەمەلىيەتتە، ساغلام ھەم تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى تاكى ھەيز توختىغۇچە ئىچسە بولىدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئاز مىقداردا ئىشلىتىپ تۇرغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىدە ئوخشاش ياشتىكى ھەم بۇ خىل دورىنى ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا مەسىلە كۆپ بولمايدىكەن. بەزى دوختۇرلار ھەتتا بىمارلارنىڭ 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېڭىباشتىن ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، چۈنكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ھەيز ۋاقتى رىتىمسىز بولۇش ۋە كېلىماكتېرىيە مەزگىلىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللەرگە قارىتا قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدىكەن.
7. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى كېيىن ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، دېگەن قاراش.
نۇرغۇن كىشىلەر، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن، ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتى ئازىيىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش توغرا ئەمەس. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىن گورمون باسقۇچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يەنە بىر نەچچە ئاي، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدىغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق تەڭشىلىش باسقۇچى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھامىلىدار بولۇش پۇرسىتى دورا ئستېمال قىلمىغان چاغدىكى سەۋىيىگە قايتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button