ساغلاملىق بىلىملىرى
چاي ئارقىلىق كېسەل داۋالاش
- چاي بىلەن گۈرۈچ: ئالتە گرام چاينى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ ئالتە مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن شامىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇلغان 100 گرام گۈرۈچنى سېلىپ شويلا ئېتىپ، كۈنىگە بىر قېتىم ئىچسە، ئاشقازان كۆيۈش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
2. چاي بىلەن ئاچچىقسۇ: ئۈچ گرام چاينى قايناق سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت دۈملەپ شامىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر مىللىلىتىر كونا ئاچچىقسۇنى قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، تولغاقنى توختىتىدۇ. يىرىڭنى تارقىتىدۇ. چىش ئاغرىقى، بالىلاردىكى تاسما قۇرت تەسىرىدىن قورسىقى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.
3. چاي بىلەن تۇز: ئۈچ گرام چاي بىلەن بىر گرام تۇزنى ئىستاكانغا سېلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ
يەتتە مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن ئىچسە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ياللۇغنى ياندۇرغىلى بولىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، ئىسسىقنى ئالىدۇ. زۇكامدىن يۆتىلىش، كۆز قىزىرىش، چىش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىمۇ داۋالىغىلى بولىدۇ.