پىسىخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى
كۈندۇلۇك تۇرمۇشتا بىز دائىم تۈرلۈك بېسىم ۋەئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز ،ئۇنداقتا،بىر ئادەمنىڭ پىسىخىك جەھەتتە ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ –يوق؟ ئادەتتە، پىسخىكا بىلەن رېئاللقنىڭ بىرىلىكى ، پىسىخىكا بىلەن قىلىمىشنىڭ بىرلىكى ۋە مىجەزنىڭ تۇراقلىقى قاتارلىقلار پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۈچ تۇرلۇك ئۆلچىمى بولۇپ . يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە پىسىخىك ساغلاملىقىنىڭ ئۆلچەملىرىمۇ بار .
1.ئەقلى قابىلىتى نۇرمال بۇلۇش .
2.كەيپىياتى ساغلام بولۇش (1)نىسىپى تۇراقلىق بولغان كەيپىياتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش .(2)ئاكتىپ روھى ھالەت بولۇش .(3)كەيپىيات ئىنىكاسى ۋە مۇھىت ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگەرتەلەيدىغان ۋە تۇراقلىق ساقىلىيالايدىغان بولۇش .(4)كەيپىياتىنى ساقلىيالايدىغان ئىقتىدار بولۇش .
3. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇش .
(1) باشقىلاربىلەن باردى كەلدى قىلىشقا ئامراق بولۇش ،ئارلىشىدىغان دائىرسى كەڭ بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يېقىن ،سىرداش دوسىتلىرىمۇ بولۇش . (2)كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ياخشى بىلىش ،ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك ،شۇنداقلا غادىيىۋالماسلىق .(3)باشقىلاغا ئوبىكتىپ باھا بىرەلەيدىغان ، باشقىلارغا ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ ،كەمچىلىكىنىمۇ ،كۆرەلەيدىغان ،شۇنداقلا ئۆز كەمچىلىكىنىمۇ تۈزتەلەيدىغان ، باشقىلارغا كەڭ قۇرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان ھەم باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلالايدىغان بولۇش
- رېئاللىققا ماسلىشالايدىغان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇش .
5. ئۆزىنى تونىيالايدىغان ، ئۆزىگە باھا بىرەلەيدىغان ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بولۇش .
6. پىسخىكىسى ۋە ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولۇش .