پەرۋىش تەدبىرلىرى
يۈرەك سانجىقى (ۋەجىئۇل قەلىب)
پەرۋىش تەدبىرى:
- بىمارغا ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، زىيادە ھاياجانلانماسلىق، چارچىماسلىق، ھەددىدىن زىيادە خوشال بولماسلىق، بىمار كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش ھەم مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش
- يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە: يەللىك مايلىق، تۇزلۇق، تەستە ھەزىم بولىدىغان غەلىز يېمەكلىكلەردىن پەرىز قىلىش، لەتىف، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، سۇيۇق سەلەڭ يېمەكلىكلەر ۋە سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىسىتمال قىلىش، كەچلىك تاماقنى چوقۇم سائەت 6 دىن بۇرۇن ئىستىمال قىلىش، تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك ۋە ھاراق ئىچمەسلىكنى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇش.
- روھىي كەيپىيات جەھەتتە: بىمار كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆپ ئويلىنىۋالماسلىق، كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.
- بىمارغا مۇنزىچ- مۇسھىل بەرگەندە ئىچى سۈرۈش قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئاينىش ئالامىتى كۆرۈلسە زىيادە جىددىيلەشمەي ۋاقتىدا دوختۇر، سېستىرالارغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.
- بىمار سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش، كۈچەپ تەرەت قىلماسلىقنى تەپسىلى ئۇقتۇرۇش لازىم
- ساغلاملىق قاپچۇغىنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۇرۇشنى دەۋەت قىلىش.
- بىمارغا نىسبەتەن مۇھىت پەرۋىشىنى ياخشى كۈچەيتىش.