جىنسىيەت بىلىملىرى

كۆپ ئېھتىلام بولۇش

مەنىي، مەزى، ۋەدى بۇلار بىر ھۆللۈك بولۇپ، جىنسىي ئىشلارغا ھەۋەس قىلىشنىڭ دەسلىپىدە چىقىدۇ. ۋەدى دەپ ئۆزلۈكىدىن چىققاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر قانچە خىل بولىدۇ.
1. مەنىينىڭ كۆپلۈكى مەنىي پەيدا بولىدىغان تاماقنى كۆپ يەپ، جىنسىي ئىشلارنى ئاز قىلغانلىقتىن بولىدۇ.
ئالامىتى  جىنسىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاندا مەنىي تولا چىقىشتۇر.
داۋالاش ئۇسۇلى  قان ئېلىش، مەنىينى كېمەيتىدىغان تاماقلارنى يېيىش لازىم. يەنە بىرى مەنىي، مەزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى  مەنىي چىققاندا تېزلىك بىلەن چىققاندەك سېزىلىدۇ. سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. يەنە مەزى كېلىش مەنىينىڭ قاچىسى بوشاپ كەتكەنلىكتىن، مىزاجنىڭ سوغۇق بولغانلىقىدىن، تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارى ناچارلاشقانلىقىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى مەنىي سۇيۇق بولۇش، جىنسىي ئەزا قوزغالماي تۇرۇپ مەنىي تۆكۈلۈش قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى   كۇفى، پۇدىنە، سىيادان، زىرە، گۈلنار، شادىنەج، سۇزاپ مېيى، مەجۈنى كۇمۇنى قاتارلىق دورىلارنى بېرىش لازىم. يەنە جىنسىي ئەزا گۆشلىرى تەشەننۇج ياكى توسۇلۇش بولغانلىق سەۋەبىدىن مەنىي تېز چىقىپ كېتىدۇ. سەۋەبى شۇ ئورۇن مەنىينىڭ قاچىسىدىن قىستاپ چىققانلىقتىن بۇ ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى   بۇنىڭغا تەشەننۇجنىڭ ئىلاجىنى قىلىش لازىم. جىنسىي ئەزاغا، بۆرەككە پايدىلىق ياغلارنى چېپىش لازىم. يەنە بىرى، بۇ ئاجىزلىق جىنسىي ئىشلار بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىپ بۆرەكنىڭ يېغى ئېرىپ سىزىپ كەتكەنلىكتىنمۇ بولىدۇ.

ئالامىتى   بۆرەكنىڭ ئاغرىشى ھەم كېسەلدە جىنسىي ئەزادىن تولا نەرسىلەر چىقىدىغان بولۇپ، بۇ يامان بەلگە، بۇ كېسەلنىڭ قۇۋۋىتىنى يوقىتىدۇ. بۇنىڭغا بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئىلاجىنى قىلىش لازىم. مەجۈنى لۇبۇب ئوبدان پايدا قىلىدۇ.
2. مەنىينىڭ تېز چىقىپ كېتىشى، جىنسىي ئىشلارغا دائىر سۆزلەرنى ئېيتىش، ئاڭلاشتىن ۋە جىنسىي ئىشلارنى تولا ئويلاشتىن بولىدۇ.
ئالامىتى   جىنسىي ئەزا ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئەگەر ئاجىز بولسا جىنسىي ئەزادا سوزۇلۇش يۈز بېرىدۇ. كۈچلۈك بولسا مەنيى تېز چىقىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى  ماددەتۇلھايات، لۇبۇب يېيىش، جىنسىي ئەزاغا پەرپىيۇن يېغى چېپىش ئارقىلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بىھۇدە قالايمىقان سۆزلەرنى كەم قىلىش لازىم.
بەزى مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىلاجنى قىلىش لازىم. سۈيدۈكتىن كەلگەن سۇنى ۋەدى دەيمىز. بۇنىڭغا سۇزاپ ئۇرۇقى، ئانار گۈلى، پەنجەن گۆشتىن ئۇرۇقىنى باراۋەر ئېلىپ 6گرامدىن بېرىلىدۇ. سىركەنجىۋىل شەربىتىمۇ پايدا قىلىدۇ. شاھتەررىنى قۇرۇتۇپ ھەسەل بىلەن بېرىلسە مەزى، ۋەدىنى توسىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى  بىر پارە قوغۇشۇننى ياپىلاق قىلىپ ئۇچىسىغا، بۆرەكنىڭ ئۇدۇلىغا تېڭىش لازىم. زىغىر پالىزىنى تۆشەك قىلىپ ياتسۇن. قىزىلگۈل، سۆگەت بەرگى، سۇغۇر ئوت يىلتىزى قاتارلىق نەرسىلەرنى تېگىگە سېلىپ ئۇخلاش لازىم.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوڭدا يېتىپ ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا بۆرەكنىڭ شىرىيان تومۇرلىرى قىزىپ، روھنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىشى مۇمكىن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button