كۆيۈكنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەتسىزلىكتىن بىرەر ئەزايىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالسىڭىز ھەرگىز جىددىيلىشىپ كەتمەي، تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن ئۆزىڭىز قولايلىق دەپ بىلگىنىڭىزنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ:
1. كۆيگەن جايغا دەرھال كىرسىن تەگكۈزسىڭىز ئاغرىق ناھايىتى تېزلا توختايدۇ ھەم قىزىرىپ ئىششىپ، سۇلۇق قاپارتقۇ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. كۆيگەن جايغا سوپۇن سۈيىنى تەگكۈزسىڭىز، ئىششىقتىن بولغان ئاغرىقنى توختىتىپ، قاپارتقۇ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. كۆيگەن جايغا ئازراق تۇز سېلىنغان كالا سۈتىگە داكىنى چىلاپ باسسىڭىز، جاراھەت تېزلا يەڭگىللەيدۇ.
4. كۆيگەن جايغا خام دۇفۇنى ئىككى ئۆلۈش، ئاق شېكەرنى بىر ئۆلۈش ئارىلاشتۇرۇپ ئىزىپ سۈركىسىڭىز، جاراھەت ئوڭاي ساقىيىدۇ.
5. ئېزىلىپ كەتكەن ئاپېلىسىننى قۇتىغا ئېلىپ ساقلاپ قويۇپ، كۆيۈپ يارىلانغاندا، ئاپلېسىن شەربىتىنى جاراھەت ئۈستىگە سۈرتسىڭىز، ئاغرىقنى پەسەيتىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.