قىزلارنى چۈشىنەمسىز؟
قىزلارنىڭ كۆڭلى زىيادە نازۇك كېلىدۇ.
شۇڭا قىزلار بىلەن ئارىلاشقاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. مەقسەتسىز سادىر قىلغان بىرەر ئىشىڭىز ياكى دەپ سالغان بىرەر گېپىڭىزمۇ، قىزلارنىڭ بىز مۇنچە ھەسرەت ياشلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەكسىچە دەل جايىدا ئېيتىلغان بىر ئېغىز سۆ زئۇلارغا باھار ئاپتىپىدەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن. پەقەت چىن يۈرەكتىن چىققان مېھىر-مۇھەببەتلا قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ.
قىزلارنىڭ ئىنتىلدىغىنى يىگىتلەردىكى جەسۇرلۇق، قەتئىيلىك، سېخىيلىق.
پىسخىلوگلار قىزلارنىڭ كۆڭلىدە يىگىتلەرنى باشقۇرۇشقا بولغان تەققازالىق ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇلۇشقا بولغان ئىنتىزارلىقنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا سىز مىس-مىس، سۆرەلمە بولماي، ۋۇجۇدىڭىزدا ئەركەكلەرگە خاس جەسۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈپ خاسلىقىڭىزنى ۋە مۇستەقىل كۆز قارشىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ؛ ھەرگىزمۇ «يۇمىلاق تاۋۇز» بولۇپ قالماڭ، بۇ قىزلار ئەڭ يىرگىنىدىغان ناچار قىلىق. ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بار، زىيادە سىخى بولماڭ، لېكىن بەك بېخىللىقمۇ قىلماڭ.
قىزلار يۇمۇرىستىك خاراكتېرگە ئىگە يىگىتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.
قىزلار مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى خوشاللىق، خاتىرجەملىك. پەقەت يۇمۇرىستىك خاراكتېرىگە ئىگە يىگىتلەرلا بۇ خىل ئىھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. شۇڭا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ھاياتنى تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، غەم قايغۇنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلۋالماڭ؛ جاپا مۇشەققەت ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن باتۇرلارچە ياشاڭ.
قىزلار گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ. گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ۋە قەلىب گۈزەللىگىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەلىب گۈزەللىگى بىز ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ۋە دۇنيا قارشى، غايىسى، مىجەز-خاراكتېرى، ئەخلاق پەزىلىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىز بۇ ئىككى خىل گۈزەللىككە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. لېكىن سىز ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېرىشىڭ. ناچار قىلىق-ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ زامانغا لايىق مەدەنىيەتلىك يىگىت بولۇڭ. ئەي جەسۇر يىگىت، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇھەببەت سىرلىق ھەم غايىۋى بولىدۇ. ئۇ سىزدىن مەسئۇليەتچانلىقنى، ئەستايىدىللىقنى ۋە سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.