ساغلاملىق بىلىملىرى

قولتۇق ئاغرىقىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ

ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: « نوقۇل ھالدىكى سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش ئادەتتە قولتۇق ئاغرىشنى پەيدا قىلمايدۇ، قولتۇق ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، بەزىدە كۆمۈرچەك ياللۇغى بولسىمۇ، قولتۇق ئەتراپىدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:« قولتۇق ئەتراپى ئاغرىغانلار ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ قولتۇق لىمفا B تىپلىق رەڭلىك ئۇلترا دولقۇنلۇق ئاپپاراتتا تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى، كېسەل بولغانلىقى بايقالغان ھامان داۋالىتىشى؛ مۇۋاپىق دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىتامىن تولۇقلىشى؛ تۇرمۇشتا بېسىمنى يېنىكلىتىپ، سۈت بېزىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك».

ھامىلدارلار ئاناناس يېسە بولامدۇ، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئاناناس كۆپ ئۇچىرايدىغان مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنتايىن تەملىك. ئاناناس تەركىبىدە مول ئورگانىك كىسلاتا، B تۈردىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن C قاتارلىق تەركىبلەر بار. ئۇ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى داۋالاپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ئىشتىھانى ئېچىپ تالنى ياخشىلاپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ رولىنى تەڭشىيەلەيدۇ. ئۇنداقتا ھامىلدارلارغا نىسبەتەن ئاناناس يېيىش بىخەتەرمۇ؟

  1. ئاناناس تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى ئاقسىلنى پارچىلاشقا ياردەم بېرىپ، قان نوكچىسىنى ئېرىتەلەيدۇ. قىسمەن دائىرىدە قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ياللۇغ ۋە سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتالايدۇ.
  2. ئاناناس تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش رولى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئاناناسنى كۆپرەك يەپ بەرسە سۈيدۈك ھەيدەپ قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ.
  3. ئاناناس تالنى ياخشىلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ئىسسىقنى ھەيدەپ ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ، ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم ناچارلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا ئاناناس يەپ بەرسە ھەزىمنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
  4. ئاناناسنىڭ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەزىم بولۇشىغا ياردىمى بار، تويغۇچە گۆش يېسىمۇ زىيادە مايلىق بولۇش سەۋەبلىك تەستە ھەزىم بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.

گەرچە ئاناناسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم تەملىك بولسىمۇ، بىراق ئاناناس تەركىبىدىكى ئاقسىل ئېنزىمى ناھايىتى ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى پەيدا قىلىدۇ، ئادەتتە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيىسى ئاناناسنى يەپ 15 مىنۇتتىن كېيىن كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئىچ سۈرۈش، قۇسۇش ۋە قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز ئەسلىدىنلا ئاناناسقا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچان بولسا ھامىلدار مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى يېگۈزمەڭ. بەزى ئاياللار ئادەتتە ئاناناسقا نىسبەتەن سېزىمچان كەلمەيدۇ، بىراق ھامىلدار مەزگىلىدە تەن ئىچىدىكى ھورمۇن سەۋىيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلدار مەزگىلىدە ئالدى بىلەن ئاز مىقداردا يېگۈزۈپ كۆزىتىپ بېقىڭ. ئەگەر زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالى كۆرۈلمىسە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاناناسنى يېگەندە جەزمەن مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ھەركۈنى بىر-ئىككى پارچە يېسە بولىدۇ، ئاناناس يېيىشتىن ئىلگىرى سۇس تەڭشەلگەن تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button