قاش ئالامەتلىرى ۋە ئىنسان خاراكتېرى
كىشىنىڭ قېشى كۆپ، ئۇزۇن ۋە مويلىرى قېلىن بولسا بۇ شۇ كىشىنىڭ خۇيى يامان، بى ئىقبال (بەخىتسىز) تەكەببۇر، جاھىل ۋە ئۆز بېشىمچى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشى بىر-بىرىگە ئۇلانغان (قوشۇما قاش) بولسا، ئۇنداق كىشى ئۈلپەتلىك ۋە شەپقەتلىك بولۇر.
ئەر كىشىنىڭ قېشى شۇنداق بولسا، ئايالىنى ياخشى كۆرىدىغان كېلۇر، ئايالىنىڭ شۇنداق بولسا، جىما (جىنسىي مۇناسىۋەت)نى كۆپرەك خالايدىغان بولۇر.
كىشىنىڭ قېشى ئۇزۇن-قىسقىلىقتا ۋە قارىلىقتا ئوتتۇرھال بولسا، بۇ ئۇنداق كىشىنىڭ خۇش پەم، دىيانەتلىك، مۇلايىم مىجەزلىك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشىنىڭ ئالدى ئۇچى يوغان (توم)، ئاخىرقى ئۇچى ئىنچىكە بولسا، ئۇنداق كىشى ئۇرۇشقاق، پىتنىخور كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشى ئېگىز بولسا، ئۇنداق كىشى كەم ئەقىل، تەكەببۇر كېلۇر.
ئەگەر كىشىنىڭ قېشى ئۇزۇن مويلۇق بولسا، بۇ ئۇنداق كىشىنىڭ ھىممەتلىك ۋە شىجائەتلىك، ئاچچىقى تېز، ئۇرۇشقاق ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر.