جىنسىيەت بىلىملىرى

شوخلا ئەرلەرنىڭ بالا تېپىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

ئەنگىلىينىڭ بىر تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولىشىچە ، ئەرلەر ھەر كۈنى شوخلا شورپىسى ئىچىپ بەرسە ، ( لىكوپىن ) نىڭ قۇبۇل قىلىنىش مىقدارى ئېشىپ ، بالا يۈزى كۆرۈش ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن .

ئەنگىلىيدە چىقىدىغان << كۈندىلىك تېلېگىراف خەۋەرلىرى گېزىتى >> نىڭ خەۋىردىن قارىغاندا ، پورتسىموۋت ئۇنىۋۋر سىتېتى بىئو مېدىتسىنا ئىلمى فاكۇلتىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىچە  42  ياشتىكى ساغلام ئەردىن ئالتىنى تاللاپ ، كۈنىگە ھەر قۇتىسى 400 گىراملىق شوخلا كونسېرۋاسىدىن بىردىن ئۇدا ئىككى ھەپتە ئىچۈرگەندىن كېيىن ، بۇ ئەرلەرنىڭ سپېرمىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ، سىپېرمىدىكى لىكوپېن مىقدارىنىڭ  %7  ~ %12  كىچە ئاشقانلىقىنى بايقىغان . بالا يۈزى كۆرەلمىگەن ئەرلەرنىڭ سپېرمىسىدە لىكوپېن  مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغاچقا ، تەتقىقاتچىلار  ئەرلەرنىڭ بالا يۈزى كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ كۈچىيىشى لىكوپېن  مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . دەپ قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، لىكوپېندىكى ئوكسىدلىغۇچىغا قارشى ماددا ئەرلەرنىڭ بالا يۈزى كۆرۈش ئىقتىدارىغا زىيانلىق خىمىيىلىك  ماددىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ، دەپ قىياس قىلىشقان

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button