جىنسىيەت بىلىملىرى

سۇزۇلما خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى

  1. سىيىپ بولغاندىن كىيىن چالا قالغاندەك سىزىم بۇلۇش.

2. سۈيدۈكتىن كىيىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىش .

3. دوۋسۇن ساھەسى يېقىمسىز ئاغرىش .

4. چوڭ تەرەت يۇلى بىلەن تاش بۆرەكنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى رايۇن ( مەزى بېزى جايلاشقان ئۇرۇن) نىڭ ئىچكى قىسمى يېقىمسىز چىمىلداپ ئاغرىش.

5. مەزى بېزى ئىششىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن چوڭ تەرەت ياپىلاق ئىنچىكە كېلىش ۋە قەۋزىيەت بۇلۇش.

6. كۈچەپ چوڭ تەرەت قىلغاندا سۈيدۈك يۇلىدىن دۇغسىمان يەنى قېتىققا ئوخشاش سۇيۇقلۇق كېلىش .

7. ھازىرقىدەك ئەخلاقسىز قىلمىشلار ئەۋىج ئېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە  كۈچىدىكى ناچار ئادەتلەرنى كۆرگەندە ئەرلىك ئەزا ئۇچى قىسمى نەم بۇلۇپ قېلىش ۋە شىلىمشىق ھالەتتىكى مەزى سۇيۇقلۇقى ئېقىپ قېلىش.

8. يۇقارقى ئالامەتلەر بىلەن بىللە يەنە روھىي كەيپىياتى سۇلغۇن بۇلۇش.

9. يۇقارقى ئالامەتلەر بىلەن بىللە يەنە سىيگەن چاغدا سۈيدۈك ئېچىشتۇرۇپ كىلىش .

10. ئايالى بارلاردا بولسا ئايالى بىلەن ئانچە -مۇنچە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقان چاغلاردا  مەزى سۇيۇقلۇقى ئېقىپ قېلىش.

11. يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ قىسمەنلىرى بىلەن بىللە يەنە سۈيدۈك تامچىلاپ قېلىش .

12. يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ قىسمەنلىرى بىلەن يەنە تاش بۆرەك ساھەسى ۋە يىرىق ساھەسى ھۆللا تۇرۇش.

  1. يۇقارقى ئالامەتلەر بىلەن بىللە  يەنە مەنىي بالدۇر كېتىش

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button