جىنسىيەت بىلىملىرى

دائىم سۇ ئۈزۈپ بەرسە، جىنسىي ئىقتىدارغا پايدىلىق ئىكەن

تومۇز ياز پەسلى سۇ ئۈزۈشكە ئەڭ باب كېلىدۇ. چەتئەللەردىكى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بەزى سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرى 60- 80 ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، جىنسىي مۇناسىۋىتى 30 ياشلىق يىگىتىلەردەك ھەپتىدە 1 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە سۇ ئۈزۈشنىڭ پايدىسى ئاياللاردا كۆرىنەرلىك گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، دائىم سۇ ئۈزۈپ بېرىدىغان ئاياللار جىما جەريانىدا ئاسانلا يۇقىرى پەللىگە چىقالايدىكەن. سۇ ئۈزگۈچى ئەرلەرنىڭ زەكىرى بولسا ئۇزاققىچە قايىم ھالىتىدە تۇرالايدىكەن.
پاقىچىلاپ ۋە كېپىنەكچىلەپ سۇ ئۈزۈپ بېرىش ئاياللارغا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. بولۇپمۇ پاقىچىلاپ ئۈزگەندە، ئەۋرەت مۇسكۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق دەرىجىدە قىسقىراپ- بوشىشى نەتىجىسىدە، جىنسىي تۇرمۇشنى مۇكەممەللىككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. دائىم سۇ ئۈزىدىغان ئەرلەرنىڭ داس، قۇرساق ۋە يوتا مۇسكۇللىرى چېنىققاچقا، جىما جەريانىدا ئەركىن ھالەتتە تۇرۇپ، زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ ئۈزۈش ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجاتما تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشىلاپ، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىدۇ. تېرىنى ياخشىلاپ، گۈزەللىكنى ئاشۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button