جىنسىيەت بىلىملىرى

جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش يوللىرى ۋە خەتىرى

1.جنىسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش: بۇ ھەرخىل جىنىسىي قىلمىشلار ئارقىلىق يۇقۇشىنى كۆرسىتىدۇ.سۆيۈشۈش ،سىلاش ،تەگكۈزۈش قاتارلىق جىنسىي ھەركەتلەردىنمۇ جىنىسىي كېسەللىكلەر تارقىلىشى مۇمكىن .جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىللىرى ئىسپېرما ياكى جىنسىي يول ئاجراتمىللىرىدا ساقلىنىدۇ؛جىنسىي جورىسىنىڭ بىرسىدە كېسەللىك بولسا ،ئۇ جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يۇقىدۇ. شۇڭا ،ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئوڭاي يۇقۇملىنىدۇ.بىۋاسىتە قىلىنغان جىنىسي مۇناسىۋەتتە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يۇقتۇرىشى ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە يوقتۇرۇشىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.مەسىلەن ،ئەردە ئۆتكۈر سۆزنەك خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى يەللىكى بولسا ،ئىككى قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسىلا قارشى تەرەپنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.سىفلىس،جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى ،يۇمشاق شانكىر قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىللىرى گەرچەئىسپىرمىدا بولمىسىمۇ،ئەمما تېرە،شىللىق پەردىلەرنىڭ بىۋاسىتە تىگىشىشى ئارقىلىق بۇ كېسەللىكلەر قارشى تەرەپكە يۇقىدۇ.دوۋسۇن پىتى دوۋسۇن تۈكلىرى ئارىسىدا پارازىت ھالدا ياشايدۇ.يۇتا تەمرەتكىسى جىنسىي ئەزا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ،جنسىي ئالاقىدە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەن ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ يۇقىشىدىن ساقلىنىش تەس.
2.جىنسىي ئالاقىسىز تارقىلىش:جىنسىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ ئاجراتمىللىرىدا زور مىقداردا كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار بولۇپ ،ئۇلار بۇلغانغان قول ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقىدۇ.كېسەللىك قوزغاتقۇچى باكتېرىيىلەرنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىلەن ياكى جىنسىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ سۈيدۈكى ،جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى ،كېسەلنىڭ ئاجراتمىللىرى بىلەن بولغانغان كىيىم كېچەك ،سايمان،نەرسە كېرەك،يوتقان كۆرپە،تەرەت قاچىسى قاتارلىقلار بىلەن ۋاسىتىلىك تىگىشىشمۇ  يۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3.قان ئارقىلىق تارقىلىش:ئەيدىز كېسەللىكى ،سىفلىس،سۆزنەك،Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ،زور ھۈجەيرىلىك ۋىروستىن يۇقۇملىنىش قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەر قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.تەركىبىدە بۇخىل كېسەللىكلەرنىڭ قوزغاتقۇچىللىرى بولغان قاننى بىمارلارنىڭ تۇمۇرىغا سالغاندا ،كېسەللىكنىڭ يۇقۇش نىسبىتى 95%تىن يۇقىرى بولىدۇ،شۇنداقلا يۇشۇرۇن دەۋرى(يۇقۇملىنىپ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنگە قەدەربولغان ۋاقىت)قىسقا،ئالامەتلىرى كۆپ ۋە ئېغىر،ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ كۆپ بولىدۇ.
4.ئانىدىن بالىغا يۇقۇش:(1)بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقۇملىنىش.سىفلىس سپروخېتاسى ،ئەيدىز ۋىروسى،Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى ۋە ئاددى قاپارتقۇ ۋىروسى قاتارلىقلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ ،بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھامىلىنىڭ يۇقۇملىنىشى ئادەتتە ھامىلە تۆت ئايلىق بولغاندىن  پەيدا بولىدۇ.سىفلىس بالا ھەمراھى ئارقىلىق بالىغا يۇققاندىن كېيىن ،بويىدىن ئاجراش،بالدۇر تۇغۇش،ئۆلۈك تۇغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.بوۋاق تىرىك قالغان ھالەتتىمۇ،ئادەتتە غەيرىيلىك ،ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.ئاددىي قاپارتقۇ ۋىروسى ھامىلىگە يۇققاندىن كېيىن ئۆلۈك تۇغۇلۇش،بويىدىن ئاجراش ،غەيرىيلىك ،مېڭە ياللۇغى ،ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە يىتىلىشى ئاجىزلاش،كۆزگە ئاق چۈشۈش ،تۇغما يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
(2)تۇغۇت يولىدا يۇقۇملىنىش:بەزى جىنسىي كېسەللىكلەر گەرچە بالا ھەمراھى ئارقىلىق يۇقمىسىمۇ ،ھامىلە تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن ،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سۆزنەك باكتىرىيىلىك كۆز ياللۇغى،بوۋاقلاردىكى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل،بۇۋاقلاردىكى سۆزنەك باكتېرىيىسىز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ،يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار.ئەيدىز ۋىروسىمۇ  ھامىلە تۇغۇت يولىدىن ئۆتەۋاتقاندا ئۇنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.
(3)تۇغۇلغاندىن كېيىن يۇقۇملىنىش:تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىمىتىش ۋە بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ تېگىشىشى  يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنى يۇقۇملاندۇرىدۇ.
5.داۋالاش مەنبەلىك يۇقۇش:داۋالاش مەشغۇلاتىدا ئىشلىتىلگەن سايمانلار ياخشى دېزىنفىكسىيىلەنمىگەن بولسا داۋالاش مەنبەلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئاساسلىقى دېزىنفىكسىيىلەنمىگەن ياكى تولۇق دېزىنفىكسىيىلەنمىگەن شپىرىس ،ئوپراتسىيە سايمانلىرى ھەمدە تېرىنى ياكى شىللىق پەردىلەرنى زېدە قىلىدىغان باشقا داۋالاش سايمانلىرى بىمارلار ئارىسىدا ،بىمارلار بىلەن تىببى خادىملار ئارىسىدا  ئۆز ئارا يۇقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مەسىلەن ،ئەيدىز كېسەللىكى ، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار.
6.سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش،ئەزا كۆچۈرۈش:سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە ئەزا كۆچۈرۈش ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەرلەر نەچچە ياشتا بالىلىق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق؟

ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئادەتتە قىزلارنىڭ 20 ياش، ئوغۇللارنىڭ 25 ياش ۋاقتى ئەزا ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ئەڭ ساغلام ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ بەزى ئىقتىدارى 35 ياشتىن كېيىن تۆۋەنگە قاراپ ماڭىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىزدىكى دوختۇرلار 25-35 ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بالىلىق بولۇش مەزگىلى دەپ قارايدۇ.

لېكىن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، فىرانسىيەلىك ئېرسىيەتشۇناس مولىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەر ئىسپىرمىسىنىڭ سۈپىتى 30 ياشقا كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن ۋە 5 يىل داۋاملىشىدىكەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار 30-35 ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىلىق بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى دەپ قارايدىكەن.

ئامېرىكا مېدىتسىنا كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرلەر 35 ياشتىن كېيىن بالىلىق بولسا، بالىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى يېنىكرەك، بەدىنىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى يۇقىرراق بولىدىكەن.

ئەرلەرنىڭ يېشى بىلەن بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىدە قىسمەن مۇناسىۋەت بار بولۇپ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 30 ياشتىن بۇرۇن بالىلىق بولغانلار بىلەن 31 ياشتىن كېيىن(35 ياشتىن تۆۋەن) بالىلىق بولغانلارنىڭ بالىلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2 سانتىمېتىر ئەتراپىدا پەرقلىنىدىكەن، 35 ياشتىن كېيىن بالىلىق بولسا بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى بىرئاز تۆۋەن، قان تەركىبىدىكى ياغ ئاقسىلى مىقدارى %21 يۇقىرى بولىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button