جىنسىيەت ۋە ساغلاملىق
جىنسىي تۇرمۇش بارلىق ھايۋانلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكى تەبىئىي ئىقتىدارى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇھىم شەرتى، ھاياتلىق بىلەن جىنسىي تۇرمۇشنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى ۋە بىۋاستە تەسىرى بولىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش بولمىسا ئوڭاي كېسەل بولۇپلا قالماستىن، سالامەتلىك ۋە ئۆمرىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى يېتىلگەندىن كېيىن جىنسىي بەزلىرىنىڭ چىقىرىش ھەۋىسى ۋە ئىككى جىنىسنىڭ ئۇچرىشىش ھەۋىسى ھەردائىم ساقلىنىپ تۇرىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئائىلىگە ئىناقلىق ۋە بەخىت ئاتا قىلىدۇ، يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ روھىي سالامەتلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ناچار بولغان پىسخىكا ئامىللىرىنىڭ تەسىرلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەمما پىسخىكىلىق ئامىللار ئىچىدە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىققان ھېسىيات ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئالىملار نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، توي قىلغىنىغا رازى بولمايدىغان ئەر-خوتۇنلار ئىچىدە ھېسىياتى (جىنسىي تۇرمۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماسلىشالمايدىغانلار %60 نى ئىگىلىگەن؛ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى تەكشۈرۈشتە، يېرىمدىن ئارتۇق بىمارلارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى بەخىتلىك بولمىغان ئىكەن. كۆپلىگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ياخشى بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان ناچار پسىخىكىلىق ئامىللار ئاشقازان ئۈچەي راكى، زىققا، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسەللىكى قاتارلىق تۈرلۈك روھىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ساغلام، خوشال-خورام بولۇشى روھىي ساغلاملىقنىڭ ئاساسىدۇر.