تائام يېيىش تەرتىپى توغرىسىدا
ئەگەر تېز ھەزىم بولىدىغان تائام ئۈستىگە ئاستا ھەزىم بولىدىغان تائام ئۈستىگە يېيىلسە، ئۇ ئاۋۋال ھەزىم بولىدۇ. ھەزىم بولۇشى بىلەن تەڭ ئۈچەيلەرگە ئۆتۈپ كېتىشى لازىم بولىدۇ. بىراق يولنى ئاستىدىكى قىيىن ھەزىم بولغۇچى توسۇۋالغان بولغاچقا ئۆتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرۇپ قېلىپ، ئۆزىگە يېقىن تۇرغان تائامنى سېسىتىدۇ. بۇ نەرسە يامان خىلىتلارنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بۇزۇق ۋە زەھەرلىك بۇسى مېڭىگە كۆتۈرۈلىدۇ.
ئۇنىڭغا قارشى كۆرۈلىدىغان تەدبىرلەر: بىرىنچىدىن، زەھەرسىز سۈرگىلەردىن ئىسسىق مىزاجلىقلار ئۈچۈن ئالۇچا، تال شىرنىسى، مېۋە شارابلىرى، يالىنىدىغان مېۋىلىك دورىلار بېرىلىدۇ. سوغۇق مىزاجلىقلار ئۈچۈن شەھرىياران، مۈلۈكىي ۋە ئەمەن تەركىبلىك جاۋارىشلار بېرىلىدۇ.
ئۇنى باشقىچە داۋالىسىمۇ بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، قۇرۇتۇلغان يۇمغاقسۈت، ھۆل پىشلاق، چۈچۈمەل بېھى، ئىسپىغۇل، سېمىز ئوتقا ئوخشاش تەسىرى كۈچلۈك، جەۋھىرى بىلەن ھەزىمنى تەرتىپگە سالغۇچى ۋە دورىلىقى بار نەرسىلەردىن مەقسەتكە يەتكۈدەك دەرىجىدە ئىستېمال قىلىش، ئاستا ھەزىم بولغۇچىدىن ئاۋۋال ھەيدىگۈچى نەرسىلەر يېيىلگەندە، ئەگەر قوغۇن، ئۆرۈك، ئالۇچا ۋە شاتۇتقا ئوخشاش ھەيدىگۈچىلەردىن كېيىن، تەركىبى ئارتۇقچە قويۇق بولمىغان نەرسىلەر يېيىلسە، ئالدىنقىسى سىيرىلىپ پەسكە تېز چۈشۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، كېيىن يېيىلگىنىمۇ ئاشقازاندا ھەزىم بولمايلا مەجبۇرىي ھالدا پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ تېخى ھەزىم بولمىغان ياكى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ئۈلگىرەلمىگەن تائاملار ماسارىقا ئارقىلىق جىگەرگە تارتىلىدۇ ۋە تىقىلمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر: چىقىشنىڭ تېزلىشىشىگە ياردەم بېرىش ياكى ئىمكانىيەت بولسا تويدۇرغۇچى تائامدىن ئاۋۋال توختاتقۇچىلارنى ئىستېمال قىلىش، ئاندىن سول ياننى بېسىپ ئۇخلاش لازىم. ئەھۋالغا قاراپ يۇقىرىدا ئېيتىلغاننىڭ ئۈستىگە شاراب، دورىلىق سىركەنجىۋىل ۋە ھەسەل سۈيى قاتارلىق تىقىلمىلارنى ئىچىپ، راۋانلاشتۇرغۇچىلار ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچىلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم.