بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 6 خىل ئۇسۇل
جەمئىيەتنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك بېسىملىرى سەۋەبىدىن بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ.
پىسخىكىشۇناسلار تەتقىقات ۋە خۇلاسىلەپ بۇرۇقتۇرمىلىققا قارشى تۇرىدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ چىقتى.
- ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش
«زىيانلانغۇچىلىق پىسخىكىسى» بولماسلىق كېرەك. تۇرمۇشدا ھەممە ئىشلار ئۆزى ئويلىغاندەك بولمايدۇ، خىزمەت جەريانىدا بەزىبىر يولسىز باشلىق ياكى خىزمەتداشلارنىڭ توغرا بولمىغان پوزىتسىيەسىگە يولۇققاندا داۋاملىق ئۆزىنى زىيانلانغۇچى ھېسابلاپ «سىلەر مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئازار بەردىڭلار»، «سىلەر نېمە ئۈچۈن ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسىلەر» دېگەندەك خىياللاردا بولماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ خىل تۇرمۇش پوزىتسىيەسى سىزنى ئاستا-ئاستا كۈچ مادارىڭىزدىن ئايرىيدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتسىزلىكىگە باشقىلار سەۋەبچى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە، ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال پوزىتسىيەرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك، ئۆزىڭىز كونتىرول قىلالايدىغان مەسىلىلەر ئۈچۈن ئۆزىڭىز كۈچ چىقىرىشىڭىز كېرەك.
تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى كونتىرول قىلسىڭىز، ھەر ۋاقىت روھلۇق يۈرىسىز. بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلى روھلۇق ئىنسانلارغا يېقىن كەلمەيدۇ.
2.مىننەتتارلىق تۇيغۇسى بولۇش
تۇرمۇشىڭىزدىن رازى بولمىغان ۋاقىتتا، تىنىچ مۇھىتتا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقسىڭىز چوقۇم مىننەتتار بولغۇدەك نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىسىز.
ھەر بىر قېتىملىق مىننەتتارلىق تۇيغۇسى سىزگە يوشۇرۇن كۈچ ئاتا قىلىدۇ، تۇرمۇشقا بولغان مىننەتتارلىقىڭىز قانچە كۆپ بولغانسىرى، بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان كۈچىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
مەلۇم بىر سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى يارلانغانلىق سەۋەبتىن مەڭگۈ سۇ ئۈزەلمەيدىغان، ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر مەزگىل بۇرۇقتۇرمىلىق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن. كېيىن يەنىلا ھاياتىغا نىسبەتەن مىننەتتار بولغان، گەرچە تەنھەرىكەتدىن يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ دەقىقىلەرنى ئۆتكۈزگەن، ئەلۋەتتە، كەلگۈسىدىمۇ يەنە نۇرغۇن قېتىم ئەنە شۇنداق دەقىقىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ئۆزىلا نۇرغۇن ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشىدۇ.
3.ئاتا قىلىش
باشقىلارغا ئاتا قىلىش جەريانى ئۆزىگە ئاتا قىلىش جەريانىدۇر. سىز باشقىلارغا ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتە ياردەملەرنى قىلىپ ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ھوسۇلغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن.
قارشى تەرەپنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن سىزگە ئېيتقان بىر ئېغىز رەھمەت سۆزى سىزگە مەنىۋىي جەھەتتىن ئازدۇر-كۆپتۇر ئېنېرگىيە ئاتا قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا ئاتا قىلىش ئۆزىدە كۈچ قۇۋۋەت ۋە توغرا بولغان كەيپىيات بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
- ھەرىكەت قىلىش
بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى پاسسىپ ئېنېرگىيە چىرمىۋالىدۇ، ھورۇنلىشىپ ھەرىكەت قىلىش خوش ياقمايدۇ.
بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىنى ھەرىكەت قىلىشقا زورلاش كېرەك. يۈگۈرۈش، ۋېلسىپىت ھەيدەش، گىمناستىكا ئويناش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئېنېرگىيىسىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق.
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، مۇزىكىغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا كەيپىياتىنى ياخشى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تەنھەرىكەت جەريانىدا مۇزىكىنى ئۆزۈڭلارغا ھەمراھ قىلىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تەنھەرىكەتنىڭ يەنە بىر دائىرىسى بولسا جىنسىي مۇناسىۋەت. يولدىشىڭىز (ئايالىڭىز) بىلەن بولغان جىنسىي تۇرمۇشىڭىزغا دىققەت قىلىڭ، قەرەللىك ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىڭ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن سىستېمىلىرىنى ئويغاتقىلى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنلار بىلەن بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىنىڭمۇ قىسمەن جەھەتتە مۇناسىۋىتى بار.
- پات-پات ئاپتاپقا قاقلىنىپ تۇرۇش
بۇ بۇرۇقتۇرمىلىق كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان ئەڭ ئاددىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى. كەيپىيات ناچار ۋاقىتتا قۇياش نۇرى ئاستىدا بىرئاز قاقلانسا كەيپىيات ئازدۇر-كۆپتۇر كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.
يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ دەسلەپكى تەدرىجىي تەرەققىيات ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياش نۇرىدىن كەلگەن. يەر شارىدا نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەڭ دەسلەپتە قۇياش نۇرى ئېنېرگىيە ئاتا قىلىدۇ.
بەلكىم بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ مىجەزىمۇ تېمپېراتۇرىغا ئەگىشىپ چۇسلىشىپ كېتىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئىسسىق رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ مىجەز خاراكتېرى بولسا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى سوغۇق رايوندىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئوچۇق ۋە شوخراق بولىدۇ.
- يېڭىلىقلارنى ھېس قىلىش
دۇنيادىكى ۋە تۇرمۇشتىكى بارلىق شەيئىلەرگە نىسبەتەن داۋاملىق يېڭىلىقلارنى ھېس قىلىش، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاش، توختىماستىن ئۆگىنىش ۋە يېڭى بىلىملەرنى ئىگەللەش، يېڭى زاماننىڭ ئەزاسى بولۇش، زامان تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتمەسلىك لازىم.
دۇنياغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ھاياتىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ مەنىلىك ئۆتۈشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. گەرچە بۇ دۇنيادا مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى ساقايتالايمىز.