پەرۋىش تەدبىرلىرى

بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ پەرۋىشى

  1. پىسخولوگىيە پەرۋىشى:

بىمارنىڭ خىلىت ھالىتىنى ۋە بىجەزىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئۇيغۇن تېبابەت پىسخولوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  1. ئوزۇقلۇق پەرۋىشى:

بىمارنىڭ خىلىت، مىزەجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ماس كىلىدىغان ئوزۇقلۇق پىلانى تۇزەيمىز.

 1) بىمارنى ئوزۇقلاندۇرغاندا ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىمىز، مەسىلەن كەپتەر شورپىسى، شورپا قاتارلىقلار. ئاچچىق، چۇچىمەل، چالا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن، قېنىق چاي، كافېي قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يىمەكلىكلەردىن چەكلىنىدۇ.

 2) مۇنزىچ (ماددا پۇسۇرغۇچى) بەرگەندە مايسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى مەسىلەن: خولوپ ئاش، شوۋا گۇرۇچ، كەپتەر شورپىسى قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى بىرىش، مۇۋاپىق مىقداردا سەي-كوكتاتلارنى، مىۋە-چىۋىلەرنى بىرىش، خالتىلىق يىمەكلىكلەردىن چەكلەش، تاماقنى زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سۇغۇق يىمەسلىكى. مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەردىن چەكلەش مەسىلەن: پولو، پاتلىما، گوش نان، سېمىز گوشنىڭ شورپىسى، كاۋاپ، تۇنۇر كاچاپ قاتارلىقلار.

 3) مەتبۇق (سۈرگۈچى) بەرگەندە ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكلەر بىرىلىدۇ مەسىلەن: نارىن، شويلا، پالىك ئېشى، توىۇ گوشى شورپىسى، قارا توخۇ شورپىسى قاتارلىقلارنى بىرىش. سوغاقلىق، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەردىن چەكلەش مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، سۇغاق ئاش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

 4) مۇۋاپىق ئۇزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.

  1. تۇرمۇش پەرۋىشى:

     1) بىمارغا كىسەلگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىنىپ، كەيپىياتىنىڭ تۇراقلىق بۇلۇشىنى ساقلاش ھەمدە ئۆز كىسىلىدىن غالىپ كىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇلىدۇ.

     2) بىمارغا تۇرمۇشىنى رېتىملىق قىلىش، زىيادە ھېرىپ چارچىماسلىق، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش، ئېمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ.

     3) شەخسى تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئىچ كىيىملەرنى كۇندە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ۋاننىدا يۇيۇنماسلىق قاتارلىقلار تاپىلىنىدۇ.

     4) ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش، سوغوق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ساقلىنىش.

     5) بىمارغا يىتەرلىك ئۇخلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش، تىز ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەش. مەسىلەن: ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاش، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش.

  1. ئادەتتىكى پەرۋىش:

     1) ئاياللار بۇلۇم قائىدىلىك پەرۋىشى بۇيىچە پەرۋىش قىلىنىدۇ.

     2) كىسەللىكنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن، بىمار مۇھىتى پاكىز، ئازادە، تېنىچ، ساپ ھاۋالىق كىسەلخانىغا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.

     3) بىمارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى، ئەس-ھۇشى، تىل ۋە تۇمۇرى، چوڭ-كىچىك تەرىتى، ھېيىز دەۋرى، ھېيىز مىقدارى قاتارلىقلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە دوختۇرغا خەۋەر قىلىش بىلەن بىرگە داۋالاشقا ماسلىشىپ بىرىلىدۇ.

     4) قوساق، بال ئاغرىش، سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك چىقىرىش قىيىنلىشىش، ئاق خۇن مىقدارى قاتارلىقلار كۈزىتىلىدۇ.

     5) بىمارنىڭ زىيادە چارچىماسلىقىغا، كۆڭلىنى ئازادە تۇتىشىغا ۋە ئۇيقىسىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

     6) بىمارنىڭ تۇرمۇشى، يىمەك-ئىچمىكى، ئۇيقىسى، كەيپىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ، مۇناسىپ پەرۋىش تەدبىرلىرىنى تۇزۈپ، پەرۋىش خاتىرسىنى ۋەقتىدا خاتىرلەپ مېڭىش لازىم.

  1. دورا پەرۋىشى:

     بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا، خىلىت ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە دورا بىرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button