جىنسىيەت بىلىملىرى

ئەر – كىم ئايال – كىم

دۇنيادا ياشىغۇچى ئادەملەر ئەگەر تېنى سالامەت بولسىلا،ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك جورا تاللىشى زۆرۈر، بۇ ھەممە ئادەمگە مەلۇم.
كىشىلەر بازارغا بارغان چاغلىرىدا ھەمراھىنىڭ ياخشى،ئۆزىگە يارايدىغان بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆڭلىگە ياقمىغان ئادەم بىلەن بىللەيۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ. ھالبۇكى، ھاياتلىق ھەمراھى 5-10 چاقىرىم يەردىكى بازارغابېرىش ياكى بىر نەچچە كېچە-كۈندۈز سەپەردە بىللە يۈرۈش ئۈچۈن تاللانغان ھەمراھئەمەس. بەلكى ئۇ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ، بىللە كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھەمراھدۇر.
ئۆيلەنگۈچى ئەر ئۈچۈن كېرەك بولغان كۆزىتىشلەر ياتلىقبولغۇچى ئايالغىمۇ زۆرۆردۇر. ھەمراھىنىڭ ياخشى بولىشىنىلا تەكشۈرۈش يىتەرلىكئەمەس، ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىشكە تىرىشىش، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقايارايدىغان-يارىمايدىغانلىقىنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىم. شۇ سەۋەبتىن ياتلىقبولغۇچى قىز كەلگۈسى ئېرىنىڭ ئۆزىگە ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەشۇ ئەرگە مۇۋاپىقكېلىش-كەلمەسلىكىنىمۇ ھېسابقا ئېلىش كېرەك. شۇڭا، بۇ يەردە ئايال بىلەن ئەرنىڭ كىمئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرى توغرىسىدىكى ۋەزىپىلىرى سۆزلىنىدۇ.

ئايال كىم

ئايال – يوسۇن بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك ھەمراھى،ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىسىغا خوجا بولۇپ تۇرغۇچى، ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز ۋە ھەسرەتلىكچاغلىرىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى، ھەرقانداق قىلىپ بولسۇن، ئۇنى خۇشال قىلىشقاتىرىشقۇچىدۇر.
ئايال – ئېرىنىڭ مال-مۈلكىنى ساقلىغۇچى، پۇلنى تېجەپخىراجەت قىلىشقا تىرىشقۇچى؛ ئېرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ بەدەن ۋە كۆڭلىنى ئاسىراپئۆستۈرگۈچى، ئېرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت، بۇزۇق مىجەزنى تۈگىتىشكە سەۋەببولغۇچىدۇر.
ئايال – ئەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچى، ئائىلىنىبىرلەشتۈرۈپ تۇرغۇچى، بۇزۇپ چېچىشتىن ساقلىنىپ كەلگۈسى ئۈچۈن مال يىغقۇچىدۇر.ئايال پات-پات ئويناپ تۇرىدىغان قونچاق ئەمەس، بۈگىنى كىيىپ ئەتىسى سالىدىغانكىيىم ئەمەس، ئايال ھايۋان ئەمەسكى، ئۆزىگە يارىسا بېقىپ-ئىشلىتىپ، ئۆزىگەيارىمىسا بازارغا ئاپىرىپ سېتىۋىتىدىغان. ئايال خىزمەتكار ئەمەسكى – ياخشى ئىشلىسەئۆيدە ئەپقېلىپ، ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋىتىدىغان؛ بەلكى ئۇ ئەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈكھەمراھدۇر.

ئەر كىم

ئەر – يوسۇن بويىچە ئايالىنى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشقاقۇبۇل قىلغۇچىدۇر. ئاتا-ئانىسىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېرىدىنئايرىلىپ، ئۆزىگە يار بولغان ئايالنى ھۆرمەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچىدۇر.
ئەر ئۆز ئايالىنى مۇشەققەت، زىيان-زەخمەتلەردىنئاسرىغۇچى؛ ئايالىنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان ئىشلىرىنى كەچۈرۈپ، ياخشى نەسىھەتقىلغۇچى ۋە ھەرۋاقىت ئايالىنى شەپقەت قانىتى ئاستىدا تەربىيە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر.ئەر ئايالغا نىسبەتەن ھەرۋاقىت ياخشىلىق قىلغۇچى، ئۆز ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغانخىزمەتلەرنى بېجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئايالىغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈل بولۇشتىن ۋەئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەي يۈرۈشتىن ساقلىنىشى لازىم.
ئەر ئۆزىنى خوجايىن بىلىپ، ھەرۋاقىت ئۆز مۇرادىنىئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماستىن، بەلكى يوسۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدائايالىنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىنىمۇ بەجا كەلتۈرىشى كېرەك. ئۆيدە بار-يوق نەرسىلەرھەققىدە ئايالىنى تەڭلىكتە قويماسلىقى كېرەك.
قىزغىنلىق
ئەر بىلەن ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن،نىكاھ ئەدەبلىرىنى بىلىش كېرەك. ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئۆزى ۋە بالىلىرى ئۈچۈنپايدىلىق بولغان نىكاھدا ھەر ئىككى تەرەپتە قىزغىنلىق، مىجەز-خۇلق جەھەتتەمۇۋاپىقلىق، ياش جەھەتتە مۇناسىپلىق، نەسەب جەھەتتە بىر-بىرىدىن يىراق بولۇشكېرەك.
ئەر بىلەن ئايال توي قىلىشنى ئارزۇ قىلسا ۋە ئۇنىئۆزلىرى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ بىلسە، توي قىلىشى لازىم. ئەگەر ھەر ئىككىسى ياكى بىرىنىكاھنى ئۆزىگە زۆرۈر تاپمىسا ۋە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولسا، ئۇنداقنىكاھدا پايدا يوق.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆيلەنگۈچى يىگىت بىلەن قىز بىر-بىرىنىقىزغىن ياقتۇرىشى لازىم. ھەر ئىككىسى ياكى بىرى ئىككىنچىسىنى كۆڭۈل بېرىپ سۆيمىسە،ئۇ نىكاھدا پايدا يوق. بىر-بىرىگە قىزغىنلىقى ۋە مۇھەببىتى بولمىغان قىز-يىگىتنىنىكاھ بىلەن باغلاپ جەم قىلىپ قويۇش بىر-بىرىگە دۈشمەن بولغان ئىككى ئادەمنى بىرئۆيگە قاماپ قويغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. كەپتەر بىلەن قارچىغا، تومۇچۇق بىلەنمۈشۈكياپىلاق بىر قەپەستە ياشىيالمايدۇ. ئىت بىلەن تۈلكە، مۈشۈك بىلەن كىرپە بىريەردە كۈن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئارىسىدا بىر-بىرىگە قىزغىنلىق ۋە مۇھەببەت بولمىغان ئەربىلەن ئايالمۇ بىرگە تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ. تىرىكچىلىك قىلسىمۇ راھەت كۆرەلمەيدۇ،شۇنداقلا بىر ئۆمۈر قايغۇ-ھەسرەت بىلەن ئۆتىدۇ.
ئۆزى ئاڭلىمىغان-بىلمىگەن، ئۆزى ئارزۇ قىلمىغان ۋەمۇھەببىتى چۈشمىگەن يىگىتلەرگە قىزلارنى زورلاپ بېرىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.قىزلارنى زورلاپ نىكاھلىغۇچى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئىككىئارىدا دۈشمەنلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئالداپ كېلىشتۈرگۈچىلەر ئەڭ چوڭ زالىم ۋەخائىندۇر. بىر قىزنى ئۆزى ئارزۇ قىلمىغان ئادەمگە زورلاپ بېرىش-شۇ قىزنى ئۆلتۈرۈشبىلەن تەڭ رەھىمسىزلىكتۇر. قىزلارنىڭ ئارىسىدا ئاشۇنداق زورلاپ ئەرگە بېرىش بىلەنئۆمۈر بويى ئۆلۈم قايغۇسىنى چېكىپ ئۆتىدىغانلار كۆپ.

مۇۋاپىق بولۇش

توي قىلغۇچى قىز-يىگىت مىجەز-خۇلقى جەھەتتە بىر-بىرىگەمۇۋاپىق بولۇش كېرەك. بىر-بىرىنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ياقتۇرمىغان ئادەملەر بىر چاقىرىميەرگىمۇ بىللە بارالمايدۇ. ئۇنداقتا، مىجەز-خۇلقى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بولمىغان قىزبىلەن يىگىت دۇنيا سەپىرىدە قانداقمۇ بىرگە بولالىسۇن ۋە قانداقمۇ بىرجان-بىر تەنبولالىسۇن؟
يۈزىنى، بويىنى بىر قېتىم كۆرۈش بىلەنلا قىز-يىگىتبىر-بىرىنىڭ مىجەز خۇلقىنى بىلىپ ۋە سىناپ بولالمايدۇ. شۇڭا، تېخىمۇ ئەتىراپلىقچۈشىنىشكە، كۆپىرەك بىلىشكە تىرىشىش زۆرۈر. سۈتنى سېغىپ ئىچىش ئۈچۈن سىيىرئالماقچى بولغان ئادەممۇ بۇ سىيىر ھەققىدە بىلگەنلەردىن ئۇزاق ۋاقىتقىچەسۈرۈشتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆمۈر بويى بىللە تۇرىدىغان ۋە بىللە ياشايدىغان ئادەمھەققىدە سوراش ۋە ئۇنىڭ ھالىنى ئوچۇق بىلىش ئۈچۈن كۆپىرەك سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.مىجەز-خۇلقىنىڭ ئوخشاشلىقىنى بىلىشنىڭ ئورنىغا بولغۇسى ئەرنىڭ مېلىنى،كىيىم-كېچەك، ئۆي-جاھازىلىرىنى، ئاتا-ئانىسىنى تەكشۈرۈش بىلەنلا قانائەتلەنسە،ئاخىر بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىپ ئۆز-ئۆزىنى قارغاپ ئۆتەر. مىجەز-خۇلقى مۇۋاپىقبولمىغان ھالدا پەقەت پۇل-مال، بايلىققا قىزىقىپ، شۆھرەت-دەرىجە ئىزدەپ، قىزىنىياتلىق قىلغۇچىلار ئادەم بالىسى بىلەن سودا قىلغۇچىلاردۇر. چۈنكى بۇ ھەقىقىمەنىدىكى نىكاھ ئەمەس.

ياش جەھەتتىكى مۇناسىۋەت

تويلىشىدىغانلار بەك قېرى ياكى بەك ياش بولماسلىقى،شۇنداقلا نىلاھ قىلىنغۇچى قىز بىلەن يىگىتنىڭ يېشى بىر-بىرىگە مۇۋاپىق بولۇشكېرەك. توي قىلغۇچى قىز بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى ياش مۇناسىۋىتىنىڭ نورمالبولۇشىنى تەبىئەت بەلگىلەيدۇ. تەبىئەتكە خىلاپ نىكاھ ئىشەنچىلىك نىكاھ ئەمەس.
ئىلىم ئەھلى ۋە تېۋىپلار نىكاھ ۋاقتىنى قىزلار ئۈچۈن18-30 ياش ئارىسىدا، يىگىتلەر ئۈچۈن 25-37 ياش ئارىسىدا بولۇشى مۇۋاپىق دەپقارايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قىزلار 19 ياشقا، يىگىتلەر 25 ياشقا يەتمەستىن بۇرۇنھەم قىزلار 25 ياشتىن، يىگتلەر 40 ياشتىن كېيىن بولغان نىكاھلار ۋاقىتسىزنىكاھدۇر. تويلاشقۇچى يىگىت-قىز ئوتتۇرىسىدىكى ياش مۇناسىۋىتىنى ئىلىم ئەھلى ۋەتېۋىپلار «قىز ئۆزىگە ئەر بولغۇسى يىگىتتىن ئالتە ياش ئەتىراپىدا كىچىك بولۇشىلازىم، ئەمما 10 ياشتىن ئارتۇق پەرق مۇۋاپىق ئەمەس» دەيدۇ.

جورىلىق

ئۈمۈرلۈك ھەمراھلار، يەنى ئەر-ئايال ئارىسىدا قاچانكىباراۋەرلىك بولسا، شۇ چاغدا بىرلىك ۋە دوستلۇق بولىدۇ. بولمىسا، ئارىدا كەمسىتىشيۈز بېرىپ، شۇ سەۋەبتىن ئائىلە بۇزىلىدۇ. شۇڭا، بايلىق، تەلىم-تەربىيە توغرىسىدايىگىت بىلەن قىز باراۋەر بولۇشى كېرەك. تەربىيە كۆرگەن، بىلىملىك، گۈزەل خۇلقلۇققىز بىلەن يىگىتنى تەڭ سانىماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق.
دۇنيانىڭ راھىتى بايلىقتا ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلتىنىچلىقىدىدۇر. لېكىن، ياشلىق سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن بەزى يىگىت، قىزلار ئۆزىگەجورا بولىدىغانلارنى جورا كۆرمەسلىكى، جورا بولمايدىغانلارنى جورا ھېسابلىشىمۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىز-يىگىتلەر نىكاھ توغرىسىدا چوڭلار ۋە تەجرىبىلىككىشىلەرنىڭ سۆزىنى ياخشى ئاڭلىشى، ماھارەت بىلەن كۆزىتىشى كېرەك.

نەسەب جەھەتتە يىراقلىق

يېقىن قېرىنداشلار ئارىسىدا  بولغان نىكاھقىز-يىگىتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. بۇنداق نىكاھدا كۆپھاللاردا بالىلارنىڭ زەئىپ، ئەزالىرى كەمتۈك ياكى كېسەلچان بولدىغانلىقى سىناقتائىسپاتلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، نىكاھ قىلىنغۇسى ئەر بىلەن ئايال قېرىنداشلىق،مەملىكەت، ئىقلىم جەھەتلەردىن  مۇمكىنقەدەر يىراق بولۇشى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button