پىسخىكا بىلىملىرى

ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئېيتىشنى خالىمايدىغان 6 ئەندىشىسى

  1. ‹‹ئەگەر خىزمىتىمدىن قالسام، ئۇ مېنى بىر مەغلۇبىيەتچى دەپ ئويلاپ قالارمۇ؟››
    ئەرلەرگە نىسبەتەن باشقىلار تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتچى دەپ قارالغاندىكى روھى بېسىم پۇل تېپىش يولىنى يوقىتىپ قويغاندىكى روھى بېسىمدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ. ئەرلەر كۆپىنچە خىزمەت ئورنۇم قىممىتىمنى بەلگىلەيدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش ھەرگىزمۇ پەقەت پۇل تېپىش يولىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئاددى ئىش ئەمەس. ئۇنداقتا قىز دوست ياكى ئايال بولغان ئادەم قانداق قىلىش كېرەك؟ سىز ئاۋۋال ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان ئۈزۈم ھارىقى تۇتۇپ، ئاندىن تونۇش-بىلىشلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر خىزمەت تېپىپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلىڭ. ھازىرقى جەمئىيەتتە خىزمەت تېپىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە باشقىلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇ twitter ۋە linked-in قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىگە چىقىشنى خالىمىسا، سىزنىڭ ياردىمىڭىز ھەقىقەتەن زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.
  2. ‹‹ ئۇ ماڭا سادىق بولارمۇ؟››
    ‹‹ مەن قىز دوستۇمغا يۈز پىرسەنت ئىشىنىمەن، لېكىن قىز-ئوغۇللار ئارىسىدكى ۋاپاسىزلىق كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىممۇ بۇنداق ئىشلار مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا قەتئى يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئېيتالمايدۇ.›› بۇ مەسىلىدە قىز-ئاياللار ‹‹مەڭگۈ ئۇنداق قىلمايمەن›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ قويۇپلا بولدى قىلماي، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. سىزمۇ ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىزدە پەقەت ئۇنىڭلا بارلىقىنى، ئۇنىڭغا سادىق بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز، ھىسيات جەھەتتە بەزى مەسىلىلەرگە يۇلۇققاندا ئىشلارنى يۇشۇرماي، ئۇنى ئالدىماي، ھەممىنى ئوچۇق ئېيتسىڭىز بولىدۇ.
  3. ‹‹ توي قىلغاندىن كېيىن ئەركىنلىكىمدىن ئايرىلىپ قالىمەن››.
    بۇ مەسىلىدە قىزلار تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ. قىز دوستلىرى بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بېرىش؛ دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ پاراڭلىشىپ كېلىش؛ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ھەققىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلار. قىسقىسى ئۇنىڭغا ئۇ پەقەت سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىغان ۋاقىتلىرىڭىزغا ئىشلارنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ.شۇنداق بولغاندا ھەر ئىككى ئادەمنىڭ تۇرمۇشى نىسبەتەن ئايرىلغان، سۈزۈك بولدۇ. ئەگەر بىر مەزگىل شۇنداق بولسا ئۇ بەزى ئىشلارنى سىز بىلەن بىرگە قىلىشقا ئىنتىزار بولۇپ ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشى ئاستا-ئاستا نورمال ھالىتىگە كىرىدۇ.
    4. ‹‹ مەن ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيمەن››.
    ‹‹ ئۇ مەن ئۇچراتقان  ئەڭ ئوماق، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ چىرايلىق قىز. مەن بۇنىڭدىن  بەكمۇ خۇشال، لېكىن مەندە بىر خىل روھى بېسىم بار: مەن ئۇنىڭغا لايىق كەلمەيمەن. بەزىدە ئۇ ئەسلى مېنىڭدىنمۇ ياخشى، مۇنەۋۋەر بىرسىنى تېپىشى كېرەك دەپ ئويلاپ  قالىمەن. بەزى جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىم مېنى بەك ئازابلايدۇ.›› قىز ئاياللار ئەرلىرىنىڭ قايسى تەرىپىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە دىققەت  قىلىشى كېرەك. ئاياللار ئادەتتە ئەرلەرنىڭ كەمچىلىكىنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن  دەۋېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئارا ماختاش مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتۇرىدۇ.. ئادەتتە ‹‹ مەن سىزنىڭ مۇنۇ يەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن››، ‹‹مۇنۇ ئىشلىرىڭىزدىن بەك پەخىرلەندىم›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بەرسىڭىز ھېسسىياتىڭلار چوڭقۇرلىشىپ ماڭىدۇ.
  4. ‹‹ ئۇ پەقەت مېنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلىشىمنىلا ياخشى كۆرىدۇ››.
    ‹‹ گەرچە 26 ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ شۇنداق بىر ئەندىشەم بار: قىزلار زادى مېنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى پۇلۇمنىمۇ؟ مۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب،  دەۋرىمىزدىكى كىشىلەر بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا پۇل-مالنى نەچچە ھەسسە مۇھىم بىلىدۇ. ››
    قىزلار ئۈچۈن ئېيتقاندا تاماق پۇلىنى تۆلىگەندە تازلىق ئۆيىگە يۈگۈرگەنگە قارىغاندا تاماق بۇيرۇتقاندىلا ئەرزانراق تاماقلارنى بۇيرۇتۇش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بەزىدە تاماق پۇلىنى سىز تۆلىسىڭىزمۇ، مېۋە-چېۋە، كىيىم-كېچەك سېتىۋالغاندا پۇلنى ئۇ تۆلىسە ئوخشاشلا ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس  قىلالايسىزغۇ؟
  5. ‹‹ قىزلار تاز ئەرلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ››.
    ‹‹ چېچىم چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇن مىنوت سېكونتنى قەدىرلەپ مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان بىر قىزنى تېپىۋالسام دەيمەن.›› چاچ چۈشۈش ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر چوڭ باش ئاغرىقى. شۇڭا قىزلارنىڭ بۇ ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويىشى ئىنتايىن مۇھىم.پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە ئەرلىرىگە ئۆزىنىڭمۇ چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتىش ئەرلەرگە چاچ چۈشۈشنىڭ ئانچە چوڭ ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button