شىپالىق گىياھلار
ئۈزۈم
ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن P بار، ئۈزۈم سالامەتلىك ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق.
- ئۈزۈم ئۇرۇقى يېغىنىڭ پايدىسى ناھايىتى زور. ئۈزۈم ئۇرۇقىنىڭ يېغى 15گرام ئىچىلسە، مەيدە ئېچىشىشنى پەسەيتىدۇ؛ 12گرام ئىچىلسە ئۆتنى كۈچەيتىدۇ؛ 40-50گرام ئىچىلسە سۈرگە رولىنى ئوينايدۇ.
- ئۈزۈم ھارىقى بىلەن قان پلاستىنكىلىرى ۋە دانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. ئۈزۈم ھارىقى كۈنىگە 2-3 قېتىم، 10-15گرامغىچە ئىچىپ بىرىلسە بولىدۇ.
- ھۆل ئۈزۈم ئىستېمال قىلىنسا قۇۋۋەتنى تولۇقلىغىلى، بۆرەك سۇيۇقلۇقىنى ئوزۇقلاندۇرغىلى، جىگەرنىڭ مەنپىي ئامىللىرىغا پايدا يەتكۈزگىلى، پەي، ئۇستىخانلارنى چىڭىتقىلى، يۆتەلنى توختاتقىلى ۋە بالىياتقۇنى تىنىچلاندۇرغىلى بولىدۇ.
- ئۈزۈمنىڭ تېلى ۋە يوپۇرمىقىنى سوقۇپ چېپىش ئارقىلىق تاشقى ئىششىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۈزۈمنىڭ تېلى ۋە يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى ئىچكەندە، ئىدرا راۋانلىشىدۇ، ھامىلدار مەزگىلدىكى قۇسۇش توختايدۇ.