ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئىلمى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق ئىلمى ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ۋە ساغلاملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يېمەك – ئىچمەك ۋە غىزالارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورگانىزمغا قوبۇل قىلىنىش، ھەزىم پائالىيىتى جەريانىدا پەيدا بولغان بىئو – خېمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ پارچىلىنىش ۋە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مىزاج ۋە خىلىتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئوزۇقلۇق بىلەن ساغلاملىق، ئوزۇقلۇق، كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇيغۇر تېبابىتىدە يېمەك – ئىچمەكلەردىن تەييارلانغان ھەر خىل تائاملار، مەلۇم دەرىجىدە ئىش قوشۇلغان ئىچىملىكلەر، ھەر خىل مېۋە – چېۋىلەر ۋە مېۋە- چېۋە، گۈل-چېچەك قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان، بىۋاسىتە يېگىلى ۋە ئىچكىلى بولىدىغان نەرسىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ غىزا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوزۇقلۇقلار بولسا غىزالار تۈرتكىسىدە تۆت خىل ھەزىمنى تاماملاپ بەدەننىڭ تەركىبى يەنى خىلىتلارغا ئايلىنىپ، بەدەننى تېگىشلىك روھ ۋە قۇۋۋەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان تۈرلۈك ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتى مەيدانغا كەلگەن دەسلەپكى دەۋرلەردە گەرچە ئۇيغۇر تېبابىتى ئوزۇقلۇق ئىلمى مۇستەقىل پەن سۈپىتىدە شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى جەريانىدا ئوزۇقلۇق ئىلمى ھەردائىم ھالقىلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تېبابىتى نەزەرىيە ئاساسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاشتا ئەمەلىي قوللىنىشى، ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارغا بولغان تونۇشىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى جەريانىدا تاشقى مۇھىتتىن يېمەك – ئىچمەك ئارقىلىق ئاقسىل، ماي، قەنت، مىنېرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ ۋىتامىنلارنى قوبۇل قىلىشى، ئىشلىتىلىشى ھەمدە بۇ ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كۆرسىتىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تەسىرى ۋە ئۇنىڭ نورمال ئېھتىياجلىق مىقدارى، يېمەكلىكلەر تەركىبىدە تۇتقان قويۇقلۇقى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ مـولېكـۇلا سەۋىيىسىدىـكى تەتقىـقاتى « ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق ئىلمى» دېگەن نام بىلەن تېخى مۇشۇ يېقىنقى زامانلاردا يەنى 18 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بۇ نۇقتا بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرىلا قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى تونۇشى، ئادەم ۋە تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىپ يېتىشى نەتىجىسىدە ئەقلىي، ھېسسىي بىلىش ۋە ئۇزاق زامانلىق ئەمەلىي كۆزىتىش، تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىدە ھاسىل قىلغان تۆت تادۇ، خىلىت، مىزا ج نەزەرىيىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان ھەم ئەمەلىي قوللىنىپ ساقلىقنى – ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرىدا قوللىنىلغان. بۇ، بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش، پەرھىز بۇيرۇش، كېسەللىكلەرنى غىزا بىلەن داۋالاش قاتارلىقلاردىلا ئەمەس، بەلكى ساغلام ئادەملەر تۇرمۇشىدىكى ساقلىقىنى ساقلاش زۆرۈرىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئادەمنىڭ مىزاجى، كەيپىياتى، ياشاش مۇھىتى، كۈندىلىك پائالىيەت دەرىجىسىگە ئاساسلىنىپ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە ئەينى زاماندا ئۇيغۇر تېبابەت نەزەرىيىسىدە ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبى، نامى، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى، مىقدارى، بەدەندىكى بىئو- خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەر ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇق ئىلمىدىكىدەك ئىنچىكىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولسمۇ، بىراق يېمەك – ئىچمەك ۋە غىزانىڭ تەركىبى، تەبىئىتى، ئادەم بەدىنىگە ئۆزلىشىش جەريانى، دەرىجىسى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتلەردە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن قايتا – قايتا، ئۇزاق مۇددەت كۈزىتىش جەريانىدا يەكۈنلىنىپ قوللىنىلىپ كېلىنگەن.
يېمەك – ئىچمەكتىن كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ھەزىم قىلىنىش، سۈمۈرۈلۈش ، ئىشلىتىلىش ، چىقىرىلىش جەريانلىرى بولسا « خىلىت نەزەرىيىسى» ئارقىلىق شەرھىيلىنىپ، مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ: خىلىت – ئادەم بەدىنىدىكى تۆت خىل تەبىئىي سۇيۇقلۇق ( قان ، بەلغەم ، سەۋدا ، سەپرا ) قا قارىتىلغان ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۆت خىلىتنىڭ ئاساسىي رولى ئارقىلىق جارى قىلدۇرۇلىدۇ. خىلىتلار ئادەم ئىستېمال قىلغان يېمەكلىكلەردىن ھاسىل بولىدۇ. يەنى يېمەك – ئىچمەك ۋە غىزالار ئورگانىزمنى ھاياتلىق ماددىلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسىي مەنبە بولۇپ، ھاياتلىق ئوزۇقلۇقلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ئوزۇقلۇقلار يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئاقسىل، ماي، قەنت، مىنېرال ماددىلار، تۈرلۈك ۋىتامىنلار ۋە مىكرو ئېلېمېنتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بولسا بەدەن ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بولۇپ، ئۇلار ئورگانىزمدىكى پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇق تۆت خىلىتنى ھاسىل قىلغۇچى ئاساسىي بىرىكمىلەردىن ئىبارەت. يېمەكلىكلەر بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندىكى ھەر قايسى قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە تۆت خىل ھەزىمنى تاماملاپ، بەدەننىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ ۋە بەدەننى تېگىشلىك قۇۋۋەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمەك، يېمەكلىكلەر خىلىتلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ماددىي خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ. خىلىتلار ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز سەرپ قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە يېڭىدىن ئىشلىنىپ تولۇقلىنىپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى ماددىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ ھەمدە ئورگانىزمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتىنى بېجىرىشكە ئاساس سالىدۇ. يېمەك – ئىچمەك ۋە غىزالار جەھەتتە غەيرىي تەبىئىيلىك بولسا، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. خىلىتلاردا ئۆزگىرىش بولسا خىلىتلارنىڭ ئەڭ لەتىف ئۇچۇچان قىسمىدىن ھاسىل بولغان روھلاردا ۋە بەدەندىكى ھەرقايسى قۇۋۋەتلەردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. نەتىجىدە قۇۋۋەتلەر ئاجىزلاپ، بەدەندىكى قۇۋۋىتى تەبىئى ئاجىزلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەندە ھەرخىل كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ ياكى كېسەللىكلەر قوزغىلىدۇ. ئادەتتە مەلۇم بىر خىل يېمەكلىكنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ياكى پەقەت ئىستېمال قىلمىغاندا، ۋە ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەن ياكى ئوزۇقلۇق تەركىبى بەك يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا مەلۇم تەركىب بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىقى ياكى ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، مەلۇم تەركىبلەرنىڭ بەدەندە تولۇق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن خىلىتلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.