ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەش داۋالاش ئۈنۈمنى ئاشۇرىدۇ
كۆپ سۆزلەش، دائىم باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىراق، سۆزلەشنىڭ پايدىسى پەقەت بۇلارلا ئەمەس، ھىندىستاننىڭ «يېڭى كەرالا خەۋەر تورى (新喀拉拉新闻网)» ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەش بىر خىل ئۆزىنى سۆز ئارقىلىق داۋالاش (自我话疗) بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
گىرىتسىيە تەسەللىي (希腊塞萨利) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى ئەن دۇڭنى ئاۋ (安东尼奥) قاتارلىقلار كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئارقىلىق ئۆزىگە ئۆزى بېشارەت بېرىش خاراكتېرلىق سۆزلەر(暗示性语言)نى قىلغاندا، ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىنى ئورۇندىغاندا، ئوخشاش بولمىغان بېشارەت خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلىش مۇمكىن. بەزىبىر ئىنچىكە مەشغۇلاتلار بىلەن شۇغۇللانغاندا، مەسىلەن گولف توپى ئوينىغان ۋاقىتتا، رەسىم سىزغاندا بىۋاسىتە ھالدا «چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك سۆزلەر (说明性语言)»نى قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. مەسىلەن، ئۆزىگە «ئېگىزراق كۆتۈر»، «رېتىمنى ئاستىلات» دېگەندەك. ئەمما بەزىبىر كۈچلۈك سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ۋەزىپىلەرگە، مەسىلەن، ئۇزۇنغا يۈگىرەش، مېڭىش مۇسابىقىسى (竞走) قاتارلىقلاردا ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەيدىغان «مەقسەتلىك تىل (动机性语言)» نى قىلغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. مەسىلەن، ئۆزىگە «مەن چوقۇم بەرداشلىق بېرىمەن.»، «ئازراق بەرداشلىق بېرەي»، «مەن چوقۇم ئەڭ ياخشى قىلالايمەن.» دېگەندەك…
ئۆزىنى سۆز ئارقىلىق داۋالاش (自我话疗) نىڭ نىشانى، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش ئارقىلىق ئىچكى يۇشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشتىن ئىبارەت. «قەلب ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ (心灵决定行为)» دېگىنىمىز بويىچە، قاتتىق تىت-تىت بولۇپ، بېشىمىز قاتتىق ئوماچ بولۇپ كەتكەندە، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز سۆزلەشنى سىناپ باقساق بولىدۇ.