ئوغۇز سۈتى ۋە ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى
بەزى كىشىلەر ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاياللار بوشانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاجىرىلىپ چىققان ئوغۇز سۈتىنى«مەينەت ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، بالىغا ئىمىتىشكە بولمايدۇ»دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قىلچە ئاساسى بولمىغان سۇبىيكتىپ خاتا قاراشتىن ئىبارەت. ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتى مەينەت ئەمەس بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. ئوغۇز سۈتى سۈت بېزى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسى بىلەن سۈت بېزىدىن ئاجىرىلىپ چىققان ئېرىتمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. خىمىيەلىك ئىلمىي ئانالىز قىلىشتىن مەلۇم بولىشچە، ئوغۇز سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىگە قارىغاندا بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى ھەر خىل ھۈجەيرىلەر ئادەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئېممۇنىتېتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن نېيترال ھالەتتىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى باكتېرىيەلەرنى يۇتۇش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ؛ تاق يادرولۇق چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر ھەر خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرۇ جانلىقلارنى يۇتىۋىلىپ ۋە يوقۇتۇپ، بەدەن ئىچىدىكى قېرىغان، زەخمىلەنگەن ياكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. ئوغۇز سۈتى يەنە لىمفا ھۈجەيرىلىرىگىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ھۈجەيرىلەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى ماينىڭ مىقدارى ئوغۇز سۈتىدىن كېيىن ئاجىرىلىپ چىقىدىغان ئانا سۈتىدىكى ماي مىقدارىدىن يۇقىرى بولمايدۇ، بۇ دەل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ ياغلارنى ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقىدارىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا ماسلاشقان يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى. ھەممىمىزگە مەلۇم تۆمۈر، مىس، سىنىك قاتارلىقلار بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل مىكرۇ مىقدارلىق ئېلېمېنتلار، ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئېنىقلاشتىن مەلۇم بولىشىچە، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى 12 كۈن ئىچىدە ئاجىرىلىپ چىققان ئوغۇز سۈتى تەركىبىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن، ئوتتۇرىچە قويۇقلىقى قان زەردابىدىكى سىنىكنىڭ 7~4 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، 12 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئانا سۈتىدىكى سىنىكنىڭ مىقدارى تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلەيدىكەن.
ئوغۇز سۈتى تەركىبىدە يەنە مول ئاقسىل ۋە بوۋاقلارغا كېرەكلىك ئانىئورگانىك ماددىلار بولىدۇ. ئوغۇز سۈتىدىكى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن دەل يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەڭ كېرەكلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى، ئۇ بوۋاقلارنى باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىدىن قوغداپ قالالايدۇ. گەرچە ئوغۇز سۈتىنىڭ مىقدارى ئاز بولسىمۇ، ئەمما بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا باشقا ھەر قانداق تەركىبتىكى تەييار سۈت ياكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تولۇقلىيالمايدۇ.