شىپالىق گىياھلار
ئاچچىق بادام
مەيلى ئاچچىق بادام ياكى تاتلىق بادام بولسۇن، ئۇنىڭ مېغىزى يۇمشاق ئېزىلىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ باشقا چېپىلسا، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بادام مېغىزى بەك يۇمشاق ئېزىلىپ كۆزگە سۈركەلسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. بادام مېغىزى مۇۋاپىق يەپ بېرىلسە يۆتەل، كۆكرەك ۋە ئۆپكە ئىششىقى قاتارلىقلارنى ساقايتقىلى بولىدۇ. بادام مېغىزىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرگەندە، جىگەر، تالنىڭ توسالغۇلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جىگەر، تالدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدى ئىلىنىدۇ. بادام مېغىزىنى مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، بۆرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش، بۆرەكتىكى تاشنى ئېزىپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
- ئاچچىق بادامنىڭ مېغىزى ئىزىلىپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قولنىڭ ئالقىنىغا تېڭىپ بېرىلسە، يەڭگىل دەرىجىدىكى مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
- ئاچچىق بادام مېغىزى ياغلىقارا قىلىنىپ كۆز جىيىكىگە سۈركەپ بىرىلسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
- ئاچچىق بادام مېغىزى ئىلىمان سۇدا ئېزىلىپ، ئىلىمان ھالەتتىكى سۈتكە ئارىلاشتۇرۇلۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا، قۇلاق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ۋە قۇلاق ئىچىدىكى كىر، يىرىڭلارنى تازىلاپ چىقىرىدۇ.
- ئاچچىق بادام مېغىزى يۇمشاق ئېزىلىپ كۆكرەككە تېڭىپ بېرىلسە، ئۆپكە ۋە ئۆپكە شاخچىلىرىنىڭ ئىششىقىغا شىپا بولىدۇ.
- ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى مائۇل ھەسەل (ھەسەلنىڭ سۇ بىلەن قوشۇلغان ئېرىتمىسى)نى قوشۇپ ئىچىپ بەرگەندە، ئۈچەيدىكى ھەرخىل توسالغۇلار يوقىلىدۇ.
- يۇمشاق سوقۇلغان ئاچچىق بادام مېغىزىنى سانا، قارا ھېلىلە ۋە سېرىق ھېلىلە تالقىنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھەركۈنى قايناق سۇ بىلەن يېرىم قوشۇقتىن ئىككى قېتىم ئىچىپ بېرىش جىگەر ۋە تالدىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
- ئاچچىق بادام مېغىزىنىڭ يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بېرىلسە، بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىدىكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.