پىسخىكا بىلىملىرى

ئايالىڭنى ھۆرمەت قىل، ئەمما، چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمە

ئايالنىڭ ئەتراپىڭىزدا پايپېتەك بۇلۇشىمۇ مۇھەببەت ئىزھارى ئەمەس. ئۇ پەقەت ئۆمۈر يولداشلىق يۈزسىدىن سىزنىڭ ساق ۋە خوشال بولۇشىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماقتا. بۇ ئىشلارنى ئۇ پەرەز دەپ بىلىدۇ.
ئەركەكنىڭمۇ ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى ئايالىنى ساغلام ئاسراشتۇر. دەيمىزغۇ، ۋەتەن– مۇقەددەس دەپ، ۋەتەننى بالا-قازادىن ھىمايە قىلىش ئەركەكنىڭ شانى، قەرزى ئۆمۈرلۈك! ئايالىڭىز بولسا بالىلىرىڭىزنى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئارا ئۈندۈرۈپ، ئۆستۈردىغان ئىككىنچى ۋەتەندۇر!
ئەمما ۋەتەننىڭ خۇنۇك-چىرايلىقى، ياخشى-يامىنى بولماس. ئەگەر سىز بار جايدا ئۇ خاراپ بولسا، سىزنىڭ تىرىكلىكىڭىز يالغان! بالىڭىزغا باغرىڭىز ئېچىشسا، ئاتىلىقنى جايىغا قويىمەن دېسىڭىز، ئانىسىنىڭ جېنىنى ھۆرمەت قىلىڭ!

ئەمما..بۇ ئار-نومۇسنى ۋە غورۇرۇڭنى ئايالىڭغا قۇربان قىل دېگەنلىك ئەمەس!
رەھبەر– تەمىنلىگۈچى، رەھبەر– ھىمايە قىلغۇچى، رەھبەر- ئىش تەقسىملىگۈچى، جۈملىدىن، نازارەت قىلغۇچى! رەھبەر يەنە سەنئەتكارانە ئىش تۇتۇشى ۋە مۇلايىم، ئوچۇق ياكى ئېغىر-بېسىق قىياپەتكە كىرىشنى بىلىش كېرەك. تەڭرى ئايالنى ئۆز جۈپتى بىلەن يەنە شۇنداق قىياپەتتە تۇرۇشقا ئېھتىياجمەن ياراتقان، بۇتەڭرىنىڭ خاھىشى! ئەر ئاشۇنداق بولالمىسا، تەڭرىنىڭ ئىزنىسىدىن چىققان بولىدۇ ۋە جازاسى تەيىندۇر!
ھاتاتقا بىر نەزەر سالساڭ، ئايالنىڭ كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدىغان، ئايالنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى دەرھال بېجىرىدىغان ئەرلەرمۇ باردۇر. ئەمما، بۇ ئەرنىڭ ئايالى ئېرىگە نىسبەتەن نالايىق بولىدۇ. ئېرى كۆرسىتىلىۋاتقان پىدائىيلىقلارنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەمەس، ئېرىنىپقىنا قوبۇل قىلىدۇ. كۆرۈۋاتامسىز، ئەر ئۆز مېھرىگە يارىشا مېھرى ئالالماي تۇرۇپتۇ ۋە ئالالمايدۇ ھەم! چۈنكى ئۇ ئەتراپتىكى باشقا قەرزلىرىنى ئۇنتۇش ھېسابىغا ئايالىغا ئارتۇقچە بېرىلدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ ھەزرەتلىكىنى ئۇنۇتتى: ئۇنىڭغا جۈپتى بىپىسەنت بولسىمۇ،«ھۆرمەت» كۆرسىتىۋېرىدۇ! بولۇپمۇ رەھبىرانە مەغرۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ، ئايالىغا يۈرىكىدىكى بارىنى تۆكۈپ تاشلاۋېرىدۇ! بۇنداق كۈنگە قالغا ئەر بولسا ئايالنىڭ نەزىرىدە بىردىن ۋىجىكلەپ، پەسلەپ كەتكەندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ!
ئۇنۇتماڭكى، ئەر-ئايال بىر-بىرى ئۈچۈن ھەرگىز باش ئەگدۈرۈلگەن چوققىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بولمىسا، بىر-بىرىدىن زېرىكىشكە باشلايدۇ. ئەر بولغۇچى باش ئېگىپ، ئىزھارىي مۇھەببەتكە چۈشتىمۇ، تامام، ئايالىدا كىبىر ئويغىنىدۇ ۋە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا جۈپتىدىن سوۋۇپ بارىدۇ.

ئائىلە ئەر كىشىنى سىنايدىغان جەڭگاھ. يىگىتلەر، قۇلىقىڭىزغا قۇيۇپ ئېيتاي، بازار ۋە ئۆينىڭ خوجايىنلىق ئىشلىرى پەقەت سىزدە بولسۇن. ئائىلىنىڭ كۈچى بىلەن پۈتىدىغان ھەممە مەسىلىلىرى سىز ئارقىلىق پۈتسۇن. مىڭ كۈيگە چۈشسىڭىزمۇ، شۇلارغا ياراڭ! ئايالىڭىز بۇ ئىشلارغا خۇشتارلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىڭ، ئەمما مەيدانغا ئۆزىڭىز چۈشۈڭ. ئەركەكچە تۇرمۇش دېگەن ئەنە شۇ. ئەگەر سىز بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىڭىز، تۇرغان گەپكى، بۇيۈك ئايالغا قالىدۇ.
پەرمانبەردارلىق ھەمىشە ئىشنى جايىدا قىلىدىغان كىشى تەرىپىدىدۇر. ئەگەر سىز تۆت ئەزايىڭىز ساق تۇرۇپ، ئەھلى ئايالىڭىزنى ئىسسىق-سوغۇقتىن، سىناق ۋە خەتەردىن ھىمايە قىلالمىسىڭىز، قازىنىنى قاينىتالمىسىڭىز ئۆز-ئۆزىدىن ئائىلىدىكى ئورنىڭىز پەسىيىپ بارىدۇ! ئەمدى ئايالنىڭ ئورنى ئەمرى پەرمانغا، سىز بولسىڭىز ئىتائەتكە ئۆتىسىز! بۇمۇ ھالاكەت! بۇ دېگىنى ئايالىڭىز ئىزنىڭىزدىن چىقتى، دېمەك، سىندىڭىز! ئايال ئائىلە تارتىشتا مەيداندا يالغۇز قالدى، جۈپتى تىرىك تۇرۇپ، ئالا خۇرجۇننى يەلكىسىگە ئالدى، ئۆكسۈدى، غېرىپلاشتى دېگىنى! ئەمدى ئۇنىڭ ئاھى تۇتىدۇ سىزنى!
ناۋادا، تاپارمەن- تۇتارمەنلىكىڭىز ياخشى دەيلى، ئەمما ئايالىڭىز سىزگە ئىش بۇيرۇپ تۇرسا، جاۋىلداپ تەنبىھ بەرسە، ئۆز ئىززىتىڭىزنى ھىمايە قىلالمىسىڭىز، ئۇنىڭ ئېغىزىنى يېپىش ئۈچۈنمۇ ئېيتقىنىنى بېجىرىۋەرسىڭىز، بۇنداق ئائىلىمۇ خەتەرگە تۇتۇلىدۇ! قىزلىرىڭىز بارغان جايلىرىدا ئەرلىرىنى خار قىلىدۇ، كېلىنىڭىز ئوغلىڭىزنىڭ يەلكىسىدە ئولتۇرىدۇ! ئايالغا ئورۇنسىز ئىتائەتكارلىقنىڭ جاۋابى بۇ!
ئەرلەرنىڭ ھەر ئۈچ خاتالىقنىڭ ئىككىسى ئاياللار تۈپەيلىدىندۇر. ئايالىڭىز تەڭرى رازى بولىدىغان ئىشلارغىلا يېتەكلىسە، مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىڭ. ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن چاي ئۇزىتىپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ماختاپ تۇرۇپ، مال-دۇنياغا، شان-شۆھرەتكە ھېرىس قويدۇرمايۋېتىپتىمۇ؟
ئاكا-ئىنىلىرىڭىزغا، قولۇم-قوشنىلارغا گىژ-گىژلىمايۋېتىپتىمۇ؟ ئانىڭىزدىن ئارازلاشقا، ئاتىڭىز ئۆلمەي تۇرۇپ مىراس تالىشىشقا سىزنى سازلاپ قويمايۋېتىپتىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق تەسىردە بولسىڭىز، ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىڭىز شۇ! بۇنىڭ بىلەن تەڭرى بەرگەن بۈيۈك نېمەت ئار-ۋىجدان ۋە قان-قېرىنداشلاردىن جۇدا بولدىڭىز. ئەمدى سىز ياشاۋېرىسىز، يۈرىكىڭىز سوقىۋېرىدۇ. ئەمما، قوڭغۇراقلىق سائەتكە ئايلاندىڭىز. ئايالىڭىز كۆرسەتكۈچىڭىزنى نەچچىگە توغرىلىغان بولسا، ئاشۇ ۋاقىتتا خاتاسىز جىرىڭلاشنى بىلىسىز، خالاس!
ئېسىڭىزدە بولسا، ئاياللارنى ھۆرمەت قىلغان ئادەم تېخى ئۇلۇغ ئەمەس، ھۆرمەت قىلىش تەرزىنى بىلگەن ئادەم ئۇلۇغدۇر. بارلىق ئەركەكلەرگە ئۇلۇغلۇق تىلەيمەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button