بالىلار ساقلىقى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆزىنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇش

○. ھامىلىدار بولۇپ 5-ئايدىن باشلاپ، ھەر ھەپتىسى بىر قېتىم قورساقنى ئۆلچەش، نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھەر ھەپتىدە 0.83 سانتىمېتىر يۇغىنايدۇ، 8 ئايدىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە 0.76 سانتىمېتىر يۇغىنايدۇ. قورساق قىسىمنىڭ يوغىنىشى بەك تېز ياكى بەك ئاستا بولىشىنىڭ ھەممىسى نورمالسىزلىقىدىن ئىبارەت.

○. ھامىلىدار بولۇپ 5 ئايدىن كېيىن، بۇلۇپمۇ 7 ئايدىن كېيىن، ھەر كۈنى ھامىلىنىڭ ھەرىكتىنى ساناش كېرەك. ھامىلىدار ئايال ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش، كەچ مۇقىم بىر ۋاقىتتا ئۈچ قېتىم ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنى سانىشى كېرەك، ھەر سائەتتىكى ھامىلىنىڭ ئۈچ قېتىملىق ھەرىكەت سانىنى قوشۇپ تۆتكە كۆپەيتىپ ئېرىشكەن بولغان سان ئارقىلىق 12 سائەتتىكى ھامىلە ھەرىكىتىنىڭ سانىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا 30~40 قېتىم بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتى بار بولۇپ، ئەگەر ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى تۇيۇقسىز ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا توختاپ قالغانلىقىنى بايقىساق، بۇ دەل ھامىلىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھامىلىنىڭ ھەرىكىتى توختىغاندىن باشلاپ، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگىچە بولغان ۋاقىت بىر سائەتتىن ئىككى كۈنگىچە بولىدۇ. ھامىلىدار ئايال ھەرگىزمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقى كېرەك.
○. قەرەللىك ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك. ھامىلىدار مەزگىلىدە قەرەللىك ھالدا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تۇرۇش ئارقىلىقمۇ ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى بەك تىز ياكى بەك ئاستا بولۇپ كېتىشنىڭ ھەممىسى نورمالسىزلىقتۇر. تۇغۇت ۋاقتى توشقىچە بەدەن ئېغىرلىقى 6 كىلوگرامدىن كىچىك بولسا خەۋپلىك ئالامەتتۇر. شۇڭا چوقۇم دوختۇرنى ئىزدەپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button