يۈرەك كېسىلى بارلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىشى كېرەك
ھاۋا ئىسسىپ، قاتتىق تەرلەپ كەتكەندە ئازراق سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە ناھايىتى راھەت بېغىشلايدۇ. ئەمما يۇقىرى قان بېسىمى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە ئارتېرىيە قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بۇنىڭدىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. ھەر ياز كۈنلىرى كەلگەندە، بىر قانچە بوتۇلكا مۇزدەك سۇ ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن دەرھال يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن كېسەللەر ئاز ئەمەس. بۇ نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ھە!
بۇنىڭ سەۋەبى، ئاساسلىقى يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاستىدا، بولۇپمۇ دېمىق نەم ھاۋا مۇھىتىدا تۇرۇپ كۆپلەپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچىش ياكى تۇيۇقسىز تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، قان تومۇرلار تارىيىپ، يۈرەك، چوڭ مېڭە قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، قان بېسىمىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىش، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش ياكى مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىقلاردىن بولغان بولىدۇ. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك تارىخى بار بىمارلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، قان تومۇرلارنىڭ ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ئەسلىدىنلا تۆۋەن بولۇپ، ئۇشتۇمتۇت ئەھۋال يۈز بەرسە نەتىجىسى ناھايىتى خەتەرلىك بولىدۇ.
شۇڭا، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك بىمارلىرى ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەرگە قارىغاندا ئىسسىقتىن ساقلىنىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.