نېمە ئۈچۈن ھامىلىنى قارىغۇلارچە ساقلاپ قېلىشقا بولمايدۇ؟
ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش دېگىنىمىز، مەقسەتلىك ھالدا بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بالا چۈشۈرۈشنى توختىتىپ، تۆرەلمىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇللىرىدۇر. مەسىلەن، ياخشى ئارام ئېلىش، تۆرەلمە ساقلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار.
ئالدىنقى مەزمۇنلاردا سۆزلەپ ئۆتتۇق، تەبئىي چۈشۈپ كەتكەن ھامىلىنىڭ خروموزوماسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ ئادەمنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدىغان سان. ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، بىر خىل تاللاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، زىياندىن قېچىپ پايدىلىق تەرەپكە مېڭىپ، ناچارلار شاللىنىش، ياخشىلار (مۇھىتقا ماسلىشالىغانلار) داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. خروموزومىنىڭ غەيرىيلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بالا چۈشۈرۈش دەل بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ كونكرېت ئىپادىسىدۇر. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تەبئىي بويىدىن ئاجراش ئېرقنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ، نوپۇس سۈپىتىنىڭ ئېشىشىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. شۇڭا، قارىغۇلارچە تۆرەلمە ساقلاپ قېلىش پايدىسىزلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە تۇغما كەمتۈك بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەر خىل ئامال-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ جەمئىيەت ۋە مىللەتكە بىر تۇغما كەمتۈكلۈكى بار بالا بالا كۆپەيتىپ، ئۇنى ئازاپلىق تۇرمۇشقا مۇپتىلا قىلغاندىن، تەبئىي بويىدىن ئاجراپ كەتكىنى ياخشى. شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەبئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تەبىئىيلىكنى ساقلاپ قېلىش، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ھامىلىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك.