ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش

نېمىشقا باش ئاغرىيدۇ؟

ئۇيقۇ دەۋرى قالايمىقانلىشىش: ئۇيقۇ دەۋرىنىڭ ئۆزگىرىشى باش ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئادەم بەك ئۇخلاپ كەتسە ياكى ئادەتتىكىدىن خېلى بۇرۇن ئويغىنىپ كەتسە، چوقۇم تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئاستى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ بۇ رايونى ئۇيقۇ دەۋرىگە مەسئۇل بولغاچقا، باش ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ.

سۇسىزلىنىش: باش ئاغرىش سۇسىزلانغان ئادەمدە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى، شۇڭا ئۇسسۇلۇق يېتەرلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. ئەگەر ئاخشىمى ھاراق كۆپ ئىچىلسە بەدەن سۇسىزلىنىدۇ، ھەتتا ئادەم ئەس ھوشىنى يوقىتىدۇ، ئەتىسى ئورۇندىن تۇرغاندا باش يېرىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئاغرىيدۇ.

خورەك تارتىش: ئەگەر ئىلگىرى باش ئاغرىقى بولمىسا، لېكىن جىددىيلىشىپ كەتكەندە، بولۇپمۇ ئەتىگەندە باش ئاغرىيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئۇخلاۋاتقاندا نەپەسنىڭ قىسقا توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى، چۈنكى نەپەس قىسقا توختىسا چوڭ مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي باش ئاغرىيدۇ.

بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى: باش ئاغرىش بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى پەيدا قىلغان يامان تەسىرلەرنىڭ بىرى، بۇنداق ئاغرىش باشتا باشنىڭ بىر تەرىپىدىن باشلىنىپ كېيىن باشقا تەرەپلەرگە تارىلىدۇ، بەزىدە ئاغرىققا چىدىغىلى، ھەتتا باشنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button