كۆكرەك ئاغرىسا قىزىلئۆڭگەچنى تەكشۈرۈتۈڭ
تۇرسۇن ئەپەندى دائىم ئاچچىق-چۈچۈك تاماقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى. يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆكرىكى سىقىلىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغان. يۈرەكتە كېسەللىك بارمىكى دېگەن دەرگۇمان بىلەن ئېلىكتروكاردىئوگراممىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرتكەن بولسىمۇ، يۈرىكىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلمىگەن. لېكىن كۆكرىكىنىڭ سىقىلىپ ئاغرىشى بارغانسېرى ئېغىرلاشقىلى تۇرغان. يېقىندا ئۇ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە قىزىلئۆڭگەچكە بەزى بىر نەرسىلەرنىڭ چاپلىشىۋالغانلىقى، قىسمەن ئورۇنلىرىدا سۇلۇق قاپارتمىلارنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. مانا بۇنىڭدىن تۇرسۇن ئەپەندىدىكى كۆكرىكىنىڭ سىقىلىپ ئاغرىغانلىقى يۈرەك كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى بولماستىن، بەلكى سوزۇلما خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئىكەنلىكى ئايان بولغان.
دېمەك، يۈرەك بىلەن قىزىلئۆڭگەچ ئورتاق بىرلا نېرىپقا تۇتاشقان بولغاچقا، ئۇلاردا كېسەللىك كۆرۈلسە، ئوخشاشلا كۆكرەك تېمىغا تەسىر قىلىپ، كۆكرەك سىقىلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كۆكرەك سىقىلىپ ئاغرىغاندا يۈرەكتىن باشقا چوقۇم قىزىلئۆڭگەچنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.