كىندىكنىڭ تۆپىگە ئۆرلەپ قېلىشى
بۇ، كىچىك بالىلار ۋە تۇغۇتى قېيىن بولغان ئاياللاردا ئۇچىرايدىغان بىر خىل كېسەللىكتۇر.
سەۋەبى:
بەزى ئاياللارنىڭ تۇغۇتى تەسلەشكەندە بەك كۈچىگەنلىكتىن كىندىك ئۇدۇلىدىكى سېرىق ئەت پەردىسى يىرتىلىپ ئۈچەي ۋە چاۋا پەردلىرى كىندىكنىڭ تۆپىسگە ئۆرلەپ چىقىپ قالىدۇ. بەزى كىچىك بالىلار كۆپ چىڭقلىپ يىغلاپ، ھەرىكەت قىلغانلىقتىن كىدىكنىڭ ئىچكى پەردىسى يىرتىلىپ يەل كىندىك بولۇپ قالىدۇ.
سەۋەبلىرى ھەرخىل بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەندىكى بەلگىلىرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ.
مەسىلەن:سېرىق ئەت يېرىلىپ ئۈچەي چىقىۋالغاندىن بولسا بىر ئاز ئاغىرىيدۇ. بىمار ئوڭدا ياتسا ئۈچەي غولدۇرلاپ ئەسلى جايىغا قايتىدۇ. ئەگەر يەل خارەكتېرلىك سەۋەبتىن بولسا، ئاغىرمايدۇ. قورساق ئاچ ۋاقتىدا يوقىلىپ كېتىدۇ. سۇ خارەكتېرلىك سەۋەبتىن بولسا، قول بىلەن باسسا يۇمشاق بلىنىدۇ.چۇلۇق-چۇلۇق ئاۋاز چىقىدۇ. ئەگەر ئۆسمە خارەكتېرلىك سەۋەبتىن بولسا بىر ئاز قاتتقىلىق مەلۇم بولۇپ داۋاملىق بىر خىل بولىدۇ ياكى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ قالىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەردىن كىندىك ئەتىراپىدىكى كۆك قان ۋە قىزىل قان تومۇرلارنى كېڭىيىش ۋە يېرىلىشتىن بولسا، سىرتتىن كۆرۈنىشى قىزىل ياكى كۆكۈش رەڭدە بولىدۇ.
ــــــ ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 4-جىلد شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى 1988-يىلى نەشىرى