قەۋزىيەت كۆپ بولسا بېسىم چوڭ بولىدۇ
چىرايى تاتىرىپ كېتىش، ئاسان چېچەك (痘) چېقىش؛ تاماقنى ئاز يېسىمۇ يەنىلا سېمىز بولۇش، بولۇپمۇ قورسىقى بەك يوغان بولۇش؛ بەزى ئاياللاردا ھەيز مەزگىلى (例假) بولسىمۇ، ئەمما قورسىقى بەك ئاغرىپ كېتىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەۋزىيەتنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىدۇر. بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار ۋاقتىدا چىقىرىپ تاشلانمىغاندا، توكسىن (毒素) بەدەندە ئۇزاق تۇرۇپ قالغانلىقتىن، بەدەنگە چوڭ يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كېسەللىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرىۋېلىشىغا يۇچۇق تېپىلىدۇ.
شاڭخەي بىرىنچى دوختۇرخانا جوڭيى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چىيەن خۈيمىڭ پروفېسسور مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولغان ئادەمنىڭ تىنىدىكى زىيانداش توكسىنلار داۋاملىق ئۈچەي شىللىق پەردىسى (肠黏膜)نى غىدىقلاپ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا چوڭ ئۈچەي راكى (大肠癌) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھاۋا ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى ھەزىم يوللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جىيەن يىپىڭ مۇنداق دەيدۇ: قەۋزىيەت كۆپ ھالدا يېمەك-ئىچمەك ئادىتى، كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئەمما بۇنىڭدىكى 6 خىل كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى، ئاق ياقىلىقلار. ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغانلىقتىن ياكى تاماقلىنىشى تەرتىپسىز بولۇش، ئاچچىق لازىلىق يېمەكلىكنى ياخشى كۆرۈش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش سەۋەبىدىن قەۋزىيەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە روھىي بېسىمنىڭ چوڭ بولۇشىمۇ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر چوقۇم تىت-تىتلىق ھالىتىنى ياخشىلىشى، بېسىمنى ۋاقتىدا تۆۋەنلىتىشى، ئىمكانقەدەر ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئۈچەي-ئاشقازاننى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، بوۋاق ۋە ئۆسمۈرلەر. كۆپلىگەن بالىلار تاماق تاللىغانلىقى سەۋەبىدىن قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزىلىرى ئويۇنغا بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن ۋاقتىدا تەرەت قىلىشنى چەكلەپ قويغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشى بىلەن، چوڭ تەرىتى ھەم قاتتىق ھەم قورغاق بولۇپ كېتىدۇ. بەزى بوۋاقلار بەك ئاز يېگەنلىكتىن، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت سۈت تەركىبىدىكى قەنتنىڭ يېتەرسىز بولۇشىمۇ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈچىنچى، ھامىلدار ئاياللار. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىنچىكىلىكنى قوغلىشىش، ھەرىكەت ئاز بولۇش، ھامىلىنىڭ ئورنى توغرا بولمىغانلىقتىن ئۈچەينى بېسىۋېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھامىلدار ئايالار تەركىبىدە تالا ماددىسى (纤维素) مول بولغان سەي-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قېتىق ئىچىپ بېرىش بىلەن بىرگە بەدەننىڭ ھەرىكەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشى كېرەك.
تۆتىنچى، ياشانغانلار. ياشانغانلارنىڭ قەۋزىيەت بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئەزالار ئىقتىدارىدا فېزىئولوگىيەلىك چېكىنىش بولغانلىقتىن، ئۈچەي يولىنىڭ لۆمىلدەش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن بولغان. ياشانغانلار قورساق قىسمىنى كۆپرەك ئۇۋىلاپ بېرىشى كېرەك. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سىترىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قورساق قىسىمنى 100 قېتىم ئۇۋىلاپ بېرىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، تەرىتىدە قان كېلىش، تەرىتى قارا رەڭدە كېلىش ۋە تەرتىپسىز تۆۋەن ئىسسىقلىق (低热) كۆرۈلگۈچىلەر دىققەت قىلىشى كېرەك. تەرىتىدە قان كېلىش، تەرىتى قارا رەڭدە كەلگۈچىلەر يىنىك بولغاندا مەقەت يېرىلىش ياكى شىللىق پەردە زەخمەتكە ئۇچراش، ئېغىر بولغاندا بەلكىم مونچاق گۆش (息肉)، ياللۇغلىنىش، جاراھەت ياكى ئۆسمە قاتارلىقلاردىن بولۇشى مۇمكىن.
قەۋزىيەت بىمارى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن ئىسسىقلىق (低热) سەۋەبىدىن، بەلكىم ئاستا خاراكتىرلىق ياللۇغلىنىش ياكى ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە باشقا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، ئاياللار كېسەللىكىدىن ياللۇغلىنىش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار. چۈنكى ياللۇغلىنىش ئۆسمە توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تىزلەتكەنلىكتىن، ئاجرالمىلارنىڭ بەدەنگە بولغان غىدىقلاش سەۋەبىدىن قىززىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.
قەۋزىيەتنى پەسەيتىشتە، جىيەن يىپىڭ مۇنداق دەيدۇ: سەھەر ئورنىدىن تۇرغاندا ئاچ قورساق ھالەتتە بىر ئىستاكان سۇس تۇز سۈيى ئىچىش ياكى ھەسەل سۈيىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىچىپ قورساق قىسىمنى ئۇۋىلاش ياكى بەدەننى تولغاش (转腰) ئارقىلىق سۇنىڭ ئۈچەيدىكى سىلكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلانسا بولىدۇ.