قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ھەققىدە چۈشەنچە
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى بولسا بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولۇپ، 2008-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان قانۇنلۇق دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ھەريىلى يۇقۇملانغان بالىلار بىر مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن. بۇ كېسەللىكلەر ئۈچ ئايدىن باشلاپ كۆپلەپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ياز پەسلىدە ئەۋجىگە چىقىدىكەن.
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى بولسا بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولۇپ، قىزىش، ئېغىز بوشلۇقى جاراھەتلىنىش، قول ۋە پۇتنىڭ تېرىسىغا ئىسسىقلىق چىقىش قاتارلىقلار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاز بىر قىسىم بىمارلاردا ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى ئارىلىشىپ كېلىدۇ.
يەنە قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟
قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىق، گېلى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ قىسىم بالىلارنىڭ تېرىسىغا ئىسسىقلىق، يەلتاشما قاتارلىق تەمرەتكىلەر چىقىدۇ. قىسمەن بىمارلاردا قىزىش ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.
بەك ئاز قىسىم بىمارلاردا يەنە مېڭە، ئۆپكە، يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىدا ئېغىر بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟
ئۈچەي ۋىرۇسى قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە قوزغىلىىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.
قانداق يۇقىدۇ؟
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ئاساسلىق بىمارنىڭ چوڭ تەرىتى، قاپارتما سۇيۇقلۇقى، بۇرۇن ۋە گال سۇيۇقلۇقلىرىدا ساقلىنىدۇ، شۆلگەي ۋە بۇلغانغان قول، لۆڭگە، قول ياغلىق، چىش چوتكىلاشتا ئىشلىتىدىغان ئىستاكان، ئويۇنچۇق، قاچا-قۇچا، سوسكا، كارىۋات بۇيۇملىرى قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىش ياكى مۇھىت ئارقىلىق يۇقىدۇ. بىمارنىڭ كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ھەپتىسىدىكى يۇقۇمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ئاساسلىق قايسى دۆلەتلەردە تارقالغان بولىدۇ؟
يېقىنقى 20 يىل مابەينىدە، قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ئاساسلىق جۇڭگو (چوڭ قۇرۇقلۇق، تەيۋەن، شياڭگاڭ)، مالايسىيا، ياپونىيە، سىنگاپور، ۋېيتنام، كورىيە، تايلاند، كامبودژا قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تارقالماقتا. ئېلىمىز بولسا مۇشۇ خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەتتۇر.
قانداق كىشىلەر قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ؟
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى ئاساسەن بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ھامىلىگە قالغان كېسەللىك ئانتىتېلاسى بولغان ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلاردا بىر قەدەر ئاز كۆرۈلىدۇ، ئالتە ئايلىق بولغاندا كېسەللىك كۆرۈلۈش ئەھۋالى 0 دىن باشلاپ بارغانسېرى ئېشىپ، 1~2 ياشقىچە بولغان بالىلاردا ئەۋجىگە چىقىدۇ. يېشى كىچىك بالىلاردا كېسەللىك كۆرۈلگەندىن كېيىن ئېغىرلىشىپ، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.
ئوخشاش بىر بالىدا كۆپ قېتىم قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرى كۆرۈلەمدۇ؟
بىر بالىدا كېسەللىك كۆرۈلگەندىن كېيىن يۇقۇملانغان ئۈچەي يولى ۋىرۇسىدا قان زەردابى تىپلىق قوغدىغۇچى ئانتىتېلا پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، ئوخشاش بىر بالىدا قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. لېكىن كۆپ خىل ئۈچەي يولى ۋىرۇسىنىڭ ھەممىسىلا قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، يەنە كېلىپ ئۆز-ئارا يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىئە كۆرمىگەنلىكتىن، ئوخشاش بىر بالا ئوخشاش بولمىغان يۇقۇملىنىش تۈپەيلىدىن ئۈچەي يولى ۋىرۇسى قان زەردابى تىپلىق قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىگە قايتا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.
قول، پۇت، ئېغىز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئائىلىدە داۋالاش ياكى ئايرىپ داۋالاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
- سالامەتلىكىنى كۆزىتىش: كېسەل بولغان بالىلارنى ئائىلىدە ئايرىپ داۋالاش مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار ۋە قارىغۇچى بىمارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىنچىكە كۆزىتىش كېرەك، ئەگەر داۋاملىق قىززىش، روھى چۈشكۈنلىشىش، مۈگدەش ياكى پۇت-قولى تىترەپ تارتىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېغىر كېسەللىككە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، بۇنداق چاغدا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.
- ئائىلىۋى دېزىنفېكسىيەلەش: ھەر كۈنى دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئۆي جاھازلىرى، ئويۇنچۇق، يەر يۈزى قاتارلىقلارنى ھەر ھەپتىدە تەركىبىدە خلور بولغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن بىر-ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش لازىم. بىمارنىڭ ئاجراتمىسى، قۇسۇق ياكى چىقىرىندىلىرى ۋە بۇلغانغان بۇيۇملىرى ياكى مۇھىتنى، تازىلىغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا خلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈپ ياكى چىلاپ دېزىنفېكسىيە قىلىش، 30 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، سۈزۈك سۇدا چايقاپ، پاكىز سۈرتۈش ياكى يۇيۇش لازىم.
- ئايرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش: ئائىلىدە ئايرىش ۋاقتى بالىنىڭ بارلىق كېسەللىك ئالامىتى يوقالغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتىگىچە داۋاملىشىشى كېرەك، بۇ مەزگىلدە كېسەل بولغان بالىلارنى ئىمكانقەدەر سىرتقا چىقارماسلىق كېرەك، بالىلار باغچىسى ۋە كىشىلەر توپى يىغىلغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاپىرىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، باشقا بالىلار بىلەن بىللە ئويناشتىن ساقلاش كېرەك.