جىنسىي يول ياللۇغى ئۇزاققىچە ساقايماسلىقنىڭ سەۋەبى
نۇرغۇن ئاياللار جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، %69ئايال بۇ مەسىلە ئەر ئاياللىق تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ھەتتا ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. جىنسىي يول ياللۇغىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش كېرەك.
كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش، تۇرمۇش ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق
جىنسىي يول ياللۇغى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلى كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ، بەزىلەر دائىم خىزمەت ئېھتىياجىدىن يېرىم كېچىگىچە ئىشلەپ دەم ئالمايدۇ، بىئولوگىيىلىك سائىتى قالايمىقانلىشىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، زىيانلىق مىكروبلار جىنسىي ئەزاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەخسى تازلىققا دىققەت قىلمىغاندا، ياللۇغ پەيدا بولىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر شۇنداق تەكلىپ بېرىدۇكى، ئاياللار ياخشى روھىي كەيپىياتنى ساقلىشى، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
توغرا بولمىغان يۇيۇش ئۇسۇلى:
بەزى ئاياللار سوپۇن بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى بولمىسا ئانتىبىئوتىك دورا ۋە جۇڭيى دورىلىرىدا جىنسىي ئەزاسىنى يۇيىدۇ، بۇ پايدىلىق باكتېرىيىلەرنىڭ ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، باكتېرىيەلەر توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ. گەرچە كېسەللىك ئالامىتىنى ۋاقىتلىق پەسەيتكەندەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە جىنسىي يول ياللۇغىنى قايتىدىن قوزغىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئاياللار بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىشلىتىشى، بولۇپمۇ ھەيزنىڭ ئالدى كەينىدە جىنسىي يولنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشى، ئىلمىي بولغان يۇيۇش ئۇسۇلى ۋە مۇۋاپىق يۇيۇش ئادىتى ئارقىلىق ھەيز مەزگىلىدىكى ئاجىز باسقۇچتىن بىخەتەر ئۆتۈۋېلىش كېرەك.
جىنسىي تۇرمۇشتا پاكىز بولماسلىق:
پاكىز بولمىغان جىنسىي تۇرمۇش سىرتىدىكى باكتېرىيەلەرنى جىنسىي يولغا باشلاپ كىرىدۇ، بۇ ئارقىلىق جىنسىي يولدىكى ئاساسلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىسپىرما، جىنسىي يولنىڭ نورمال مۇھىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە جىنسىي يول ياللۇغىنى قايتا قوزغىتىدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جىنسىي تۇرمۇش پەيدا قىلغان جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى كەينىدە تازلىققا دىققەت قىلىش ئەر ئاياللارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئالدى كەينىدە تازلىققا دىققەت قىلىش ساغلاملىققا پايدىلىق.
دورا ئىشلىتىپ داۋالىنىش باسقۇچى يېتەرلىك بولمىسا، كېسەلنى تۈپ يىلتىزدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ:
دورا ئىشلىتىپ داۋالىنىش باسقۇچى يېتەرلىك بولماسلىق جىنسىي يول ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلە، بەزى ئاغرىقلار داۋالانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلانسا، دورىنى توختىتىۋېتىپ، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلاشمايدۇ. گەرچە كېسەللىك مىكروبلىرى كونترول قىلىنغاندەك قىلغىنى بىلەن، بىراق ئۈزۈل كېسىل ساقايمايدۇ، جىنسىي يولنىڭ قىممىتى ئۆزگىرىش بولغاندا، جىنسىي يول ياللۇغى قايتا قوزغالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئاغرىقلىرى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاندا، دورىنى ئالماشتۇرۇۋېتىشمۇ جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ئۇزاققىچە ساقايماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەب.
دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى كېچىكتۈرىدۇ
كۆپ ساندىكى كىشىلەر جىنسىي يول ياللۇغىغا ئېتىبار بەرمەيدۇ، بەزى ئاياللار خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، دورىخانىلاردىن ئىختىيارىي سېتىۋالغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىشلىتىپ، كېسەللىكنى سوزۇۋېتىدۇ، ئەگەر جىنسىي يول ياللۇغىنى جىددىي باسقۇچتا ئۈزۈل كېسىل داۋالاتمىگەندە ، كېسەللىك ئۇزاققا سوزۇلۇپ ساقايماي تەكرار قوزغىلىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاياللار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇنتىزىم داۋالىنىشى كېرەك دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ دىئابېت كېسەللىكىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى خېلى ئېنىق، ھەتتا «ئۈچ كۆپ، بىر ئاز»بولۇشتەك تىپىك ئالامىتىنى بىلىدۇ. بىراق دىئابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بەزى ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشسا ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنىدۇ، جىنسىي يول ياللۇغنى داۋالاتقاندىن كېيىن ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، يەنە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش ئالامىتى تەكرار قوزغىلىدۇ، شۇڭا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ يول ياللۇغى ئۇزاققىچە ساقايمىسا ياكى تەكرار قوزغالسا، بولۇپمۇ بىر يىل ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە ھەمدە زەمبۇرۇغى يېتىلدۈرۈپ تەكشۈرگەندە تۆت قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قوزغىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دىئابېت كېسەللىكىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ قان شېكىرىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنىڭ زىيىنى يوق، شېكەر مېتابولىزمى قالايمىقانلاشقان ئەھۋال بولسا، قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ھەم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جىنسىي يول ياللۇغىنى داۋالىتىپ، قىچىشىش ئالامىتىنى يەڭگىللىتىش ۋە يوقىتىش كېرەك. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ ئۇرۇق جىنسىي يول ياللۇغى تەكرار قوزغالسا، ئېرىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى ئويلىشىپ دىئاگنوز قويدۇرۇپ داۋالاش كېرەك.