بالىلار كېسەللىكى

بالىلار كېسەللىكىنىڭ ئومۇمىي ئالامىتى

كىچىك بالىلارنىڭ بەدىنى ئاجىز، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئازغىنە ئۆزگىرىشمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلى چىقمىغان بالىلار ئۆزىنىڭ ئاغرىۋاتقان يېرىنى ئېيتىپ بىرەلمەيدۇ. تىلى چىققانلارنىڭمۇ ئۆز بەدىنىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇر كىچىك بالىلارنىڭ بەدەن ھالىتىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. كىچىك بالىلارنىڭ ھەربىر نورمالسىز  ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ غەيرى تەبئىي ھالەتلىرىنى ھۇشيارلىق بىلەن كۆزەتكەندە قانداق يېرى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ۋە كېسەللىك بار – يوقلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

بالىلارنىڭ نورمالسىز  ھەرىكەتللىرى
بوۋاقلارنىڭ ئاستى ھۆل بولغاندا ۋە ئىمىدىغان ۋاقىتتا ئويغانغاندىن تاشقىرى، كۆپىنچە تىنچ ئۇخلايدۇ. ئەمچەك يېشىدىكى بالىلارمۇ قورسىقى توق، ئاستى قۇرۇق، يۇمشاق، بەدىنى ساق، تەرەققىياتى نورمال كېتىۋاتقان بولسىلا ئۇخلايدۇ ياكى ئويغاق ياتسىمۇ يىغلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا جىم ياتمايدۇ، يىغلايدۇ. ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار ئاغرىغان يېرىنى ئېغىز ئارقىلىق ياكى شەرەت ئارقىلىق ئۇقتۇرالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇر بالىنىڭ مۇھىم رازىسىنى بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن سورىغاندىن تاشقىرى، ئاساسەن بەدەن ھالىتى ۋە نورمالسىز ھەرىكەتلىرىنى، چوڭ- كىچىك تەرەتلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق بىلەلەيدۇ. كىچىك بالىلاردا ئاساسەن تۆۋەندىكى نورمالسىز  ھەرىكەتلەر بولىدۇ.
1) كۆپ يىغلاش: كۆپ يىغلاش بالىنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بىرىدىغان نورمالسىز ھەرىكىتى بولۇپ، كۆپىنچە ئاچ قالغاندا ۋە ئاستى ھۆل بولۇپ بالىنىڭ بەدىنىگە سوغۇق تەگكەندە يىغلايدۇ. بەزىدە ئاستىدىكى يۆگەكلىرى پۇرلىشىپ قېلىپ، بەدىنىگە قاتتىق تېگىش ياكى غىدىقلاش سېزىمى پەيدا بولغاندىمۇ يىغلايدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنى يۇمران بولغاچقا ئىسسىق ياكى سۇغۇق ئۆتۈش، سۈركىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدىنىدە شەلۋەرلەش ياكى زېدىلىنىش پەيدا بولغاندىمۇ يېشغلايدۇ. بەزىدە ھەرخىل ھاشارەتلەرنىڭ چېقىۋېلىشىمۇ يىغلاشنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ نورمالسىز كۆپ يىغلاشلىرى بەدەندىكى بىرەر ئاغرىق ياكى بىئاراملقنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇنداق ھالدا بالىنى دەرھال يۆگەكتىن ياكى بۆشۈكتىن يېشىپ، ئاستىنى كۆزىتىپ، دۈمبىسىنى سىلاپ- سىپاپ، سوغۇق يۆگەكلىرىنى ئىسسىتىپ، باشقىدىن سىلىق يۆگەپ، ئىمىتىپ ئۇخلىتىشى، يارا ياكى ھاشارەت چاققان جايلىرىنى ۋاقتىدا دۋالىتىش لازىم.
2) بالىلارنىڭ نورمالسىز قول ھەرىكەتلىرى؛ بالىلار تىلى چىقمىغان مەزگىلدە گەرچە ئاغرىغان جايىنى ئېيتىپ بىرەلمىسىمۇ، يىغلاش بىلەن بىللە قولىنى ئاغرىغان يېرىە ئۇزىتالايدۇ. دوختۇر مۇشۇ ئالامەتلەرگە ئوبدان دىققەت قىلسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىنىڭ قول ھەرىكىتى بىلەن يىغلاۋاتقان ۋاقىتتىكى قىياپىتىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلغاندا بالىنىڭ ئاغرىيدىغان يېرىگە توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار ئېنىق سەۋەبسىز ھالدا تولا يىغلىسا ۋە قولىنى قورساق تەرىپىگە سۇنسا، بۇ كۆپىنچە بالىنىڭ قورسىقى ئاغرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چاغدا، بالىنى كۆزىتىش ۋە قورسىقىنى تەكشۈرۈش لازىم.
بالا تولا يىغلاش بىلەن بىللە قولىنى باش ۋە پىشانە ساھەسىگە ئۇزاتسا، بۇ كۆپىنچە بېشى ئاغرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يىغلىغاندا قولىنى قولاق تەرەپكە سۇنۇپ يىغلىسا ياكى قۇلىقىنى كوچىلىسا بۇ بالىنىڭ قۇلىقى ئاغرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئالدى بىلەن ئاغرىيدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئەزانى ئوبدان تەكشۈرۈپ، پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلىرى بىلەن قوشۇپ كېسەللىكنى ئېنىقلاش لازىم.
3) باشقا نورمالسىز ھەرىكەتلەر: كىچىك بالىلار ئىسمىداپ قالغان چاغدا تولا يىغلىسا ۋە بېشىنى سىلكىسە، بېشى كەينىگە قاتىيىپ قالسا ياكى گەجگىسى قېتىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن بىللە قۇسۇش قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ چاغدا سەرسام ( مېڭە پەردىلىرىنىڭ ياللۇغى) ياكى كۇزار ( قاتما ) كېسەللىكلىرىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىللە، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش چارىلىرىنى قوللىنىش كېرەك. بالىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ، نەپسى تېزلىشىپ ئاغزىدىن تىنىپ قالسا، زۇكام، نەزلە ۋە باشقا كۆكرەك كېسەللىكلىرىدىن گۇمان قىلىش بىلەن ئەتراپلق تەكشۈرۈپ داۋالاش كېرەك.
ھېچقانداق ئېنىق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشكە باشلىسا، سۈيدۈكى ئاقىرىپ قالسا، بۇ بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولىدۇ. بالىنىڭ چىشى چىقىشى كېچىكسە، بالىنىڭ ئۆسۈشى، تەرەققىي قىلىشى بەك ئاستا بولۇپ قالسا، باش تۈكلىرى شالاڭلىشىپ كەتسە ياكى چاچلىرى چۈشۈشكە باشلىسا، بېشىنى ياستۇققا سۈركەيدىغان بولۇپ قالسا،  ئايىغى چىقىش، ئولتۇرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەردىكى ئىقتىدارى ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى باشقا بالىلاردىن ئارقىدا قالغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ يېتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ داۋالىتىش لازىم. بۇنى ئالدى بىلەن راخت ( كۇساھە) كېسەللىكىدىن گۇمان قىلىش كېرەك.
بالىلارنىڭ ھەرخىل غەيرى نورمال ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ ئېنىقلىتىش، ئېغىرلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەربىر ئانا ۋە بالا تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button