بالىلار كېسەللىكى

بالىلار سەمرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى

بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشنى كونتىرول قىلىش ھەم ئالدىنى ئېلىش ئادەتتە 6 ياشتىن باشلىسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ . مۇتەخخەسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدە ئەگەر بويىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتسا ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن . 6 ياش ۋاقىت ، بالىلارنىڭ سەمىرىىپ كېتىشى كۆپ كۆرۈلىدىغان دەۋىر بولۇپ ، 7 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا سېمىز بالىلار ئاساسەن شەكىللىنىپ بولىدىكەن .

سېىمىزلىكنىڭ 2 خىل تۈرى بولۇپ ، بىرسى بوي ئېگىزلىكى نورمال ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ، بۇ ھەقىقى سېمىزلىككە كىرىدۇ ، بۇنى كونتىرول قىلىش لازىم .

يەنە بىرسى بويى پاكار ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش ، بۇ ئىككىسى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقاندا كۆرۈلگەن سېمىزلىك بولسا ئۆسۈپ يىتىلىش كىچىكىش خاراكتىرلىك سېمىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا ئېسىلىۋالماستىن ، بەلكى بوينىڭ ئۆسۈشى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەڭپۇڭلىشىپ مېڭىشىغا ئەھمىەت بېرىش لازىم .

سېمىز بالىلارغا نىسبەتەن ، توغرا بولغان غىزالىنىش ئادىتى بەك مۇھىم . ئۇلارغا مۇناسىپ كەلگەن ، نورمىلىق مىقداردا تائاملارنى بېرىش ، توغرا- پاكىز بولغان غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش لازىم . بۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈندە مەلۇم مىقداردا تەنھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button