بالىلار كېسەللىكى

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق

    بۇ  ھەزىم بۇزۇلۇش، قورساق ئېسىلىش، سوزۇلما قەۋزىيەت بولۇش، سوزۇلما ئىچ سۈرۈش، قورساقتا مەددە قۇرت پەيدا بولۇش، قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ نېرۋىغا تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ھوشىدىن كېتىش، ئەزا پەيلىرى تارتىشىپ قېتىپ قېلىش ھەم تۇتقاقلىق تۇتۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
داۋالاش:
1.رېتسېپ: قۇرۇق پىننە بىلەن ئىسرىق سېلىپ، تۈتۈنىدە بالىنىڭ ئېغىز- بۇرنىنى ئىسلىسا ھوشىغا كېلىدۇ.
2. رېتسېپ: ئاچچىقسۇغا چىلانغان پاختا ياكى لاتىنى ھوشىسىزلانغان بالىنىڭ بۇرنىغا تۇتسا ھوشىغا كېلىدۇ.
3. رېتسېپ: مارجاننى ئوتقا كۆمۈپ قىزىتىپ ئېلىپ، بالىنىڭ قاش ئارىسىغا قويسا ھوشىغا كېلىدۇ.
4.رېتسېپ: لادەن، ئەتىر پۇرساتسىمۇ ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. قۇندۇز قەھرىنى ئېزىپ، بۇرنىغا، قۇلىقىغا پۈركەش بىلەن بىرگە ئالىقىنىغا سۈركەپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
6.رېتسېپ: ئاق خەربەقتىن 1.2 گرامنى كۈندە ئەتىگەن يېگۈزۈپ بەرسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button