بالىلار كېسەللىكى

بالىلاردىكى ئۈچەي ئاجىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟

  1. بالىلارنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەك.
    ئادەتتە بالىلار ھەرىكەتنى ئاز قىلىدىغان بولغاچقا، ماددا ئالمىشىشمۇ تۆۋەنلەپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى ئاجىزلايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا ئۈچەي مىزاجىنىڭ ماددىسىز بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاقىۋەتتە ئۈچەي ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بالىلارنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش، يېشى كىچىك بالىلارنىڭ بەدەنلىرىنى يەڭگىل سىلاپ بېرىش ئارقىلىق ھەرىكەتكە ئېرىشتۈرۈش، بالىلارنى ئۆزى قىلالىغۇدەك جىسمانىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.
    2.بالىلار زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
    بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى يۇقىرى بولۇش ، دەرس سىجىللىقى كۆپ بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ مېڭىسى ئاسان چارچاپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مىڭىنىڭ ئۈچەيگە بولغان باشقۇرۇش،كونترول قىلىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە ئۈچەينىڭ نورمال خىزمەت پائالىيىتى تۆۋەنلەپ، ئۈچەي ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  2.    3.بالىلار روھى بېسىمغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش كېرەك.
    بالىلار تىللاش، ئۇرۇش، تىل  ھاقارەتكە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن روھى بېسىمغا ئۇچرىسا، ئۇلارنىڭ  سىمپاتىك نېرۋىلىرى زىيادە قوزغىلىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىمە ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈچەينىڭ خىزمىتى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، ئاقىۋەتتە ئۈچەي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار بالىلارغا بولغان ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، بالىلارنىڭ تۇرمۇش پسىخىكىسىنى ياخشى ئىگىلەش، بالىلار بىلەن سىردىشىش، دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلارنى ھاۋاسى ياخشى مەنزىرىلىك جايلارغا ئاپىرىپ سەيلە قىلدۇرۇپ روھى جىددىيلىكىنى نورماللاشتۇرۇش كېرەك.
    4.نورمال بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
    ئاتا–ئانىلار بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسىتىدە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلدۇرغاندا، ئۈچەينىڭ قۇرۇقلۇقى ئېشىپ، لۆمۈلدىمە ھەرىكىتى ئاجىزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن داۋام قىلسا ئۈچەي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىيرىت، يەنە ھەزىم بۇزۇلۇش، ئۆت، جىگەر خىزمىتى ئاجىزلاش، كۆپ ئۇسساش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك،  ئۇيقۇسىزلىق، ئاسان چارچاش، ئاسان زۇكام بولۇش قاتارلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاتا– ئانىلار بالىلارنىڭ  ئوزۇقلىنىشىنى تەرتىپكە سېلىپ، يېمەكلىكنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تالالىق يېمەكلىكلەرنى ۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك بېرىش، بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button