بالىلار كېسەللىكى

بالىلاردىكى ئورنىغا سىيىپ قويۇشنى داۋالاشنىڭ ئاددى ئۇسۇلى

بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ، ئاساسەن مېجەزنىڭ مىجەزنىڭ ھەددىدىن زىيادە سوغۇقلىشىپ كېتىشى ، سۈيدۈكلۈك مۇسكۇلنىڭ بوشىشىپ كېتىشى ، ئۇخلاش ئالدىدا ھۆل مېۋە-چېۋە ، سوغۇق تاماقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ، نېرۋا ئاجىزلىق ھەمدە سۈيدۈكلۈكتە تاش پەيدا بولۇش ، مەددە قۇرت كېسىلى قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ .
داۋالاشتا ، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ، كېسەلنىڭ بەدىنىنى ئىسسىق تۇتۇش ،سېلىق سۆزلەر بىلەن روھى جەھەتتىن تەربىيە بېرىش، كېچىسى بىر نەچچە قېتىم ئويغىتىپ سىيگۈزۈش ھەمدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ داۋالاپ بېقىش لازىم .
1.خوراز تاجىسى ياكىقوينىڭ دوۋسۇنىنى قورۇپ يېگۈزسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
2. توخۇ ئۈچىيىنى پاكىز تازىلاپ ، قۇرۇتۇپ ،سوقۇپ تالقانلاپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدە بەش گىرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچكۈزسە ئۈنۈمى بولىدۇ .
3.بىر دانە جويۈزنى سوقۇپ تالقانلاپ ، تۇخۇم يېغى (ياكى ئىللىتىلغان تۇخۇم سېرىقىغا )ئارىلاشتۇرۇپ ، بالىنىڭ بەل ، دوۋسۇن ئەتراپىنى مايلاپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
4.خولىنجان ، قوۋزاقدارچىن،زەنجىۋىل، فىلفىل قاتارلىق دورا دەرمەكتىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ ، يىرىكلىرىنى ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن دەملەپ ئىچكۈزسە ، يۇمشاقلىرىنى ئۈچ گىرامدىن كۈندىلىك تامىقىغا ئارلاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button