بالىلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ دەسلەپكى بىشارەتلىرى
چىراي ئۆزگىرىشى ئەگەر بالىنىڭ چىرايىدا تاتىرىش ياكى سارغىيىش ئالامىتى كۆرۈلسە، كېسەلنىڭ بىشارىتىدۇر.مەسىلەن، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا كالپۇك ۋە بۇرۇن ئۇچلىرى كۆكىرىش ئالامىتى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىۆردا چىرايى تاتىرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يىغىسى ئەگەر بالا توساتتىنلا قاتتىق يىغلاپ كەتسە ، بىرەر يېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەگەر ئىككى پۇتىنى پۈكۈپ تۈگۈلۈپ يىغلىسا ،قورسىقى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەگەر كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى ئۇۋۇلاپ يىغلىسا، كۆز ياكى قۇلىقىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،ئەگەر بېشىغا ئۇرۇپ يىغلىسا، بېشى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . كەيپىياتى ئەگەر بالا روھسىز ،گەپ خوشياقمايدىغان بولۇپ قالسا، بۇ كېسەلنىڭ بىشارىتىدۇر. مەسىلەن ،ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا كەيپىياتى تۆۋەنلەش، تەرسالىشىش، يالغۇزلۇقنى خالاش قاتارلىق روھىي ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېمىش بالىدا ئىمىش كۈچسىز بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چىرايى تاتىرىپ روھسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇمۇ كېسەللىك بىشارىتى بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك . بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ئۆي تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇش ياكى كىيىمى بەك قېلىن بولۇش سەۋەبىدىن بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاندا ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئەگەر يۇقىرىقى ئامىلۆرنى چىقىرىۋەتكەندە ، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەنىلا 37.6 تىن چۈشمىسە ،بۇ قىزىشنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ . چوڭ تەرىتى ئەگەر بالىنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ، يېشىل ياكى تۇخۇم سېرىقى رەڭدە سۇيۇق ھالەتتە كەلسە ، بۇ ئۇنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىچى سۈرۈش يېنىك دەرىجىدە بولۇپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، شۇنداقلا كەيپىياتى ياخشى بولسا ،ئۇ ھالدا بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ .ئەگەر ئىچى سۈرۈشى ئېغىرراق بولسا ھەم قىزىش ،چىرايى تاتىرىش، كەيپىياتى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك. ياندۇرۇش بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سۈت ئەمگەندە بەزىدە ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ياندۇرۇش قېتىم سانى كۆپ ھەم قەھۋە ياكى قان رەڭگىدە ئارىلاش كەلسە ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىزىتمىسى ئۆرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. بولۇپمۇ چۆچۈش، ئېس- يادى تۇراقسىزلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، دەرھال چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسىتىش كېرەك
چىراي ئۆزگىرىشى ئەگەر بالىنىڭ چىرايىدا تاتىرىش ياكى سارغىيىش ئالامىتى كۆرۈلسە، كېسەلنىڭ بىشارىتىدۇر.مەسىلەن، ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا كالپۇك ۋە بۇرۇن ئۇچلىرى كۆكىرىش ئالامىتى قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىۆردا چىرايى تاتىرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
يىغىسى ئەگەر بالا توساتتىنلا قاتتىق يىغلاپ كەتسە ، بىرەر يېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەگەر ئىككى پۇتىنى پۈكۈپ تۈگۈلۈپ يىغلىسا ،قورسىقى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .ئەگەر كۆز ۋە قۇلاقلىرىنى ئۇۋۇلاپ يىغلىسا، كۆز ياكى قۇلىقىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،ئەگەر بېشىغا ئۇرۇپ يىغلىسا، بېشى ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
كەيپىياتى ئەگەر بالا روھسىز ،گەپ خوشياقمايدىغان بولۇپ قالسا، بۇ كېسەلنىڭ بىشارىتىدۇر. مەسىلەن ،ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا كەيپىياتى تۆۋەنلەش، تەرسالىشىش، يالغۇزلۇقنى خالاش قاتارلىق روھىي ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئېمىش بالىدا ئىمىش كۈچسىز بولۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چىرايى تاتىرىپ روھسىزلىنىش ئالامىتى كۆرۈلسە، بۇمۇ كېسەللىك بىشارىتى بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك .
بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ئۆي تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇش ياكى كىيىمى بەك قېلىن بولۇش سەۋەبىدىن بالىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاندا ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئەگەر يۇقىرىقى ئامىلۆرنى چىقىرىۋەتكەندە ، بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يەنىلا 37.6 تىن چۈشمىسە ،بۇ قىزىشنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ .
چوڭ تەرىتى ئەگەر بالىنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ، يېشىل ياكى تۇخۇم سېرىقى رەڭدە سۇيۇق ھالەتتە كەلسە ، بۇ ئۇنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىچى سۈرۈش يېنىك دەرىجىدە بولۇپ قىزىتمىسى ئۆرلىسە، شۇنداقلا كەيپىياتى ياخشى بولسا ،ئۇ ھالدا بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ .ئەگەر ئىچى سۈرۈشى ئېغىرراق بولسا ھەم قىزىش ،چىرايى تاتىرىش، كەيپىياتى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ياندۇرۇش بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي سۈت ئەمگەندە بەزىدە ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ياندۇرۇش قېتىم سانى كۆپ ھەم قەھۋە ياكى قان رەڭگىدە ئارىلاش كەلسە ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىزىتمىسى ئۆرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك. بولۇپمۇ چۆچۈش، ئېس- يادى تۇراقسىزلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، دەرھال چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ كۆرسىتىش كېرەك