بالىلار كېسەللىكى

ئەقلىي قابىليىتى تۆۋەن بالىلارنى بايقاش ۋە داۋالاش

ئادەتتە بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنىڭ نورمال يېتىلىش باسقۇچىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار 15㎝ – 20 ㎝ يىراقلىقتىكى نەرسىلەرنى كۆرگەندە تەبىئي ھالدا يۈزىنى شۇ تەرەپكە ياكى يورۇقلۇق چۈشكەن تەرەپكە بۇرايدىغان؛ ئىككى ئايغىچە تەبىئىي يىغلايدىغان ياكى كۈلىدىغان، ئۈچ ئايغىچە ئاتا – ئانىسىنى تونۇيالايدىغان ، بېشىنى كۆتۈرەلەيدىغان؛ تۆت ئايلىق بولغاندا ھەقىقىي ئىنكاسلىق كۈلۈشنى بىلىدىغان بولىدىكەن. بەش ئايلىق بولغاندا قولىنى سوزۇپ نەرسىلەرنى تۇتۇشنى ، ۋاقىراشنى بىلىدىغان؛ ئالتە ئايلىق بولغاندا ئۆز كىشىلىرى بىلەن يات ئادەملەرنى پەرق ئېتىشنى ، ئولتۇرۇشنى بىلىدىغان ؛ يەتتە – سەككىز ئايلىق بولغاندا تىلى چىقىپ، ئۇششاق ئويۇنچۇقلارنى ئويناشنى بىلىدىغان؛ 12 ئايلىق بولغاندا كۇبىكتا ئۆي ۋە ھەر خىل شەكىللەرنى تىزىپ ياساشنى، قەغەزگە قالايمىقان سىزىشنى ، رەسمىي مېڭىشقا تەمشىلىدىغان بولىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button