بالىلار كېسەللىكى

ئۇيقۇدا قورقۇش

بۇ بالىلار ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، روھىي جەھەتتىن ۋە ماددىلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ.
داۋالاش:
1. رىتسېپ: 63 گرام تەمرى  ھىندىنىڭ شىرنىسىنى 180 گرام ئەرقى گاۋزىباندا چىقىرىپ، 24 گرام لىمون سۈيى قوشۇپ ئىچكۈزۈۈلسە، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. رېتسېپ: ئالتە گرام شاھتەررە ياكى تۆت گرام بەدىياننى سۇدا قاينىتىپ، 24 گرام ھەسەل سۈيى قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. رېتسېپ: ئالتە گرام تۇرۇپ ئۇرۇقى ياكى ئالتە گرام سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ، 24 گرام ھەسەل قوشۇپ، تۇز سېپىپ ئىچكۈزۈپ قەي قىلدۇرۇلسا، ئۇيقۇدا قورقۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. رېتسېپ: 12 گرام بادرەنجى بۇيا، 12 گرام ئۈستقۇددۇسنى سۇدا قاينىتىپ، 24 گرام ئاق ناۋات قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە، ئۇيقۇدا قورقۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5.رېتسېپ: بابۇنە يېغىدا سۇزاپنى ئېزىپ، بېشىنى ياغلاپ بەرسە، ئۇيقۇدا قورقۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

  100 كېسەلگە 1000 رېستسېپتىن ئېلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button