ساقلىقىنى ساقلاش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئوزۇقلۇق ۋە سالامەتلىك

20 – ئەسىردىكى مەشھۇر دوكتورج. ۋىليامۇسنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن كېسەل، ئاساسلىقى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە توكسىنلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدىكەن.
بەزىلەر ماددىي تۇرمۇشىمىز باياشات بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بەدىنىمىز ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلمەي قالارمۇ، دېيىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، دەل مۇشۇ باياشاتلىق بىزنى بىر مەيدان ئوزۇقلۇق كىرىزىسىگە سۆرەپ كىرمەكتە. كىشىلەر بەدىنىمىز نېمىگە ئېھتىياجلىق، قانچىلىك ئېھتىياجلىق، نېمىلەرنى يېيىش، قانداق يېيىش، نېمىلەرنى يېمەسلىك كېرەكلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى ئېشىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇنداق ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ئادەم كېسەلگە ئاسانلا مۇپتىلا بولىدۇ.