ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ كۆرسىتىدۇ
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪﺯ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ؛
1. ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﻮﺭﯗﻕ ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻳﻮﺭﯗﻕ ،ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﯩﻠﯩﻖ، ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ.
2.ﺋﯩﭻ ﻣﯩﺠﻪﺯ ، ﮔﯧﭙﻰ ﺋﺎﺯ، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎﺭ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ، ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻳﯩﺮﯨﻚ، ﺩﺍﻍ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺧﯘﻧﯜﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ.
3.ﻗﻮﭘﺎﻝ، ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺋﻮﺳﺎﻝ، ﻛﯚﻳﯜﻣﺴﯩﺰ ، ﻛﯜﻧﻠﻪﻣﭽﻰ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪﭖ، ﺗﯩﻠﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻛﯜﻟﺮﻩﯓ ﺩﺍﻏﻼﺭ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻧﯘﺭﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻴﺪﯗ. ﭼﯧﭽﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ.
4. ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ، ﻳﯜﺯ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﺷﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﻮﺭﯗﻕ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﻧﺎﭼﺎﺭﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺰ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﭖ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.