ئاياللار كېسەللىكى

ھەيز قالايمىقانلىشىش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ

ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فىزىئولوگىيەلىك ئامىللار:  
1 . كەيپىيات نورمال بولماسلىق 
 كەيپىيات بىنورمال ئۇزۇن مەزگىل روھى بېسىم بولۇش،  دەردىنى ئىچىگە يۇتۇش ياكى بەك چوڭ روھى زەربىگە ئۇچراش ۋە پسىخىكىلىق زەخمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەيز بولسا تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە تەسىر قىلغاندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بولۇپ،  تۇخۇمداننىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشى يەنە مېڭە ئاستى بېزى ۋە تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭنىڭ ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىشىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. شۇڭا، مەيلى تۇخۇمدان،  مېڭە ئاستى بېزى بولسۇن ۋەياكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە بولسۇن قايسى بىرىنىڭ ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولسا ھەيزنىڭ نورمال ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.


2. سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى
 تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئاياللار ھەيز  مەزگىلىدە سوغۇققا ئۇچرىسا،  داس بوشلۇقىدىكى قان-تومۇرلار ھەدىدىن زىيادە قىسقىراپ،  ھەيز ئازىيىش ھەتتا توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن،  شۇڭلاشقا،  ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولىشى، ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشى بولۇپمۇ ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق ۋە ھۆل مۇھىتتىن ساقلىنىشى كېرەك. 

3. زىيادە ئاز تاماقلىنىش
مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشچە، قىزلارنىڭ تېنىدىكى ماي مىقدارى  بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ  %17 نى ئىگىلىگەندە ئاندىن ھەيز كېلىدىكەن،  بەدەندىكى ماي ئەڭ ئاز بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ (22%) نى ئىگىلىگەندە ئاندىن نورمال بولغان ھەيز دەۋرىيلىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىكەن.  زىيادە ئاز تاماقلانغاندا،  بەدەننىڭ ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، بەدەندىكى ئاقسىل ۋە مايلارنىڭ كۆپ مىقدارىدا  سەرپ بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،  ئاياللىق ھورمۇن سېنتېزلىنىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ھەم كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ھەيز كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مىقدارىنى ئازلىتىدۇ ياكى توسۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،  شۇڭا،  خانىم-قىزلار ئۇرۇقلايمەن دەپ، قارىغۇلارچە يېمەكلىك تاماقنى ئاز يەيدىغان ئىشنى قىلماسلىقى كېرەك.
4. ھاراق-تاماكىنىڭ تەسىرى
تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ۋە ئىسپىرىت ھەيزگە ئالاقىدار بەزى جەريانلارغا دەخلى قىلىپ، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   تاماكا چەككەن ۋە كۆپ ھاراق ئىچكەن ئاياللارنىڭ %25~%32 ى ھەيز قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ.  ھەر كۈنى 1 قاپتىن كۆپ تاماكا چەككەن ياكى يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقتىن 100 مىللىگرامدىن كۆپ ئىچكەن  ئاياللار ئىچىدە ھەيز قالايمىقانلاشقانلار نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى  ھاراق ئىچمىگەن تاماكا چەكمىگەن ئاياللار ئىچىدىكى ھەيز قالايمىقانلاشقانلارنىڭ 3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.   شۇڭا ئاياللار قەتئىي ھاراق ئىچمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button