ئاياللار كېسەللىكى

ھەيز بالدۇر كېسىلىپ كېتىشكە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك

ئەمچەك راكى ئوپېراتسىيىسىدىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ، يەنە ھەيز توختاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بەزى بىمارلارنىڭ تۇخۇمدېنىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىشكە ياكى خىمىيىلىك داۋالاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. تۇيۇقسىز ھەيز توختاپ قېلىشقا بەزىلەر ماسلىشالماي قېلىپ، «كېلىماتېرىيە دەۋرىدىكى يىغىندى كېسەللىك» ئالامەتلىرى، مەسىلەن تەرلەش، ئىچى تىتىلداش، مىجەزى ئىتتىكلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. خىمىيىلىك داۋالاش، ئىچكى ئاجراتمىلار ئارقىلىق داۋالاش، دورا سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەيز توختىغان بولسا، ئەگەر سىز ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە يېقىنلىشىپ قالغان بولسىڭىز، ھەيز ئەسلىگە كەلمەسلىكى، ئەگەر ياش بولسىڭىز، داۋالاش تاماملىنىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەيز ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، داۋالاش مەزگىلىدىكى ھەيز توختاپ قېلىش، ئەمچەك راكىنى ئۇزاق مۇددەت داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە پايدىلىق. بۇنداق چاغدا جۇڭيى دورىلىرىنى ئىچىپ مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ. لېكىن، گورمون بىلەن داۋالاشقا بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button