ئاياللار كېسەللىكى

ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار قانداق ئوزۇقلانسا مۇۋاپىق؟

      1. تەركىبىدە ۋىتامىن ئې مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش
      ۋىتامىن ئې يەنە توكوفېرول دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق رولى كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ نورمال فونكىسىيىسى ۋە مېتابولىزمىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ تۆرەلمىسى، تۇخۇم سېرىقى، پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلار ۋە كۈنجۈت يېغىنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر مول بولىدۇ. 
     2. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشەش
     ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىپادىلىرىگە ئاساسەن، ئايرىم-ئايرىم ئىللىتىش، راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قۇۋۋەت تولۇقلاش رولىغا ئىگە بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش لازىم. بەدىنىنى سوغۇق يەل قاپلاپ، سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر، سوغۇقتىن قورقىدىغانلار سوغۇقنى ھەيدەپ بەدەننى ئىللىتىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر (مەسىلەن: كاشتان، لىجى، قارا شېكەر، زەنجىۋىل، ئارپىبەدىيان، كاۋاۋىچىن، قارىمۇچ قاتارلىقلار) نى، بەدىنىنى يەل قاپلاپ، قان ئايلىنىش راۋان بولمىغانلار يەلنى ھەيدەپ، توسالغۇلارنى ئېچىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن: كەرەپشە، چۇپۇرشاڭ، پالەك، پىياز، يۇمغاقسۈت، ئىپومېيە ئوتى، زەنجىۋىل، سەۋزە، ئاپېلسىن، ئاپېلسىن پوستى، بەرغەمۇت، بانان، ئالما قاتارلىقلار) نى، تېنى ئاجىز، قۇۋۋەت ۋە قان يېتىشمىگەنلەر قۇۋۋەت تولۇقلاش، قان تولۇقلاش ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى (مەسىلەن: ياڭاق مېغىزى، لىجى، لۇڭيەن، چوڭ چىلان، ئۈجمە، ئالقات، پىچەكگۈل ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر) نى ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق.
     ھەيز مەزگىلىدە، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە بېلىق قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش بىلەن بىرگە، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، سۇنى كۆپرەك ئىچىش ئارقىلىق چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، داس بوشلۇقىغا قان تولۇشنى ئازايتىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button